مۇسۇل ھاجى مۇھىتى، مەخسۇت مۇھىتى، مەخمۇت مۇھىتى قاتارلىق تۆت ئاكا-ئۇكا تۇرپان ئاستانىلىق تەرەققىيپەرۋەر بايلاردىن بولۇپ، مۇسۇل ھاجى مۇھىتى 1877-يىلى تۇرپان ئاستانادا تۇغۇلغان. يەنى شۇ يىللاردا مۇسۇل ھاجى مۇھىتى تۇرپاندا رۇسىيىدىن ئىلغار ماشىنا ئۈسكۈنە ۋە تېخنىكىلارنى كىرگۈزۈپ تۇنجى قېتىم تۇرپاندا پاختا زاۋۇتى قۇرغان ۋە رۇسىيە سودىگەرلىرى بىلەن رىقابەتلىشىپ سودا قىلىۋاتقان بايلاردىن ئىدى. مەخمۇت مۇھىتىنىڭ ئاكىسى مۇسۇل ھاجى مۇھىتىنىڭ باشچىلىقىدا 1912-يىلى تۇنجى قېتىمدا تاتارىستاننىڭ مەركىزى قازاندىن ھەيدەر سايرانى ئىسىملىك بىر ئوقۇتقۇچىنى تەكلىپ قىلىپ تۇرپان ئاستانادا ئۆز خىراجەتلىرى بىلەن يېڭىچە پەننىي مەكتەپ ئاچقان. 1917-يىلىغا كەلگەندە مائارىپنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن مۇھىبىبول ئەپەندى، گۇلەندەم ئابىتاي قاتارلىق 6 نەپەر ئوقۇتقۇچىنى قازاندىن تەكلىپ قىلىپ تۇرپان، گۇچۇڭ، چۆچەكلەردە ئۆز خىراجەتلىرى بىلەن «مەخسۇدىيە» نامىدا مەكتەپ ئېچىپ ئۇيغۇر مائارىپىغا تۆھپىلەرنى قوشقان.
مۇسۇل ھاجى مۇھىتىنىڭ قېرىندىشى مەخسۇت مۇھىتى 1932-يىلى موسكۋادا «پراۋدا» گېزىتىدىن قۇمۇلدا پارتلىغان قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن دەرھال ۋەتەنگە قايتىدۇ. ئۈرۈمچى ئارقىلىق تۇرپانغا كېلىپ يۇنۇسبەگ، تاھىر بەگ، شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتارلىق 14 كىشىدىن تەركىب تاپقان تەشكىلات قۇرۇپ، تۇرپان ئاستانادا قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ مۇھىم ئەزالىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلانى، ئوت يۈرەك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1933-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى تۇرپاندا قەتلى قىلىنىدۇ.
1930-يىللىرىدىكى قۇمۇل-تۇرپان، قەشقەر، خوتەن ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە باشقا جايلاردا ئەۋج ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ قوزغىلىڭىنىڭ نەتىجىسى ئاستىدا 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى سابىت داموللا باش مىنىستىر، غوجانىياز ھاجىم رەئىس، مەخمۇت مۇھىتى باش قوماندان يەنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قەشقەردە قۇرۇلىدۇ.
كېيىنكى ۋاقىتلاردا، خىتاي-سوۋېتلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى كېلىشىملەر ئارقىسىدا بۇ جۇمھۇرىيەت ۋەيران قىلىۋىتىلگەندە، مەخمۇت مۇھىتى ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال تۇرپاندىكى بىر كارىزىنى 400 سەر ئالتۇنغا سېتىپ. بۇ 400 سەر ئالتۇن بىلەن 1937-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى سەپەرگە ئاتلىنىدۇ ۋە كەشمىرگە ئامان-ئېسەن بىر قىسىم ئادەملىرى بىلەن يېتىپ بارىدۇ. كەشمىر ئارقىلىق ھىندىستانغا بارىدۇ. بۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن ھەج تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن مەككىگە بارىدۇ. مەككىدىن قايتىپ كېلىشى بىلەنلا ھىندىستاندا ئىنگلىزلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ 27 كۈن تۈرمىگە قامىلىدۇ. مەخمۇت مۇھىتى ھەجگە بېرىشتىن ئىلگىرى ھىندىستاندا يۈز بەرگەن ھىندىلارنىڭ ئىنگلىزلارغا قارشى نامايىشىغا قاتنىشىپ، ھىندىلارغا «نامايىشتا قولۇڭلارغا كالتەك ئېلىپ نامايىش قىلىڭلار» دېگەن سۆزى قاتتىق تەسىر قىلىدۇ ۋە بۇ سۆز ئىنگلىزلارنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قالىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ھەجدىن قايتىپ كېلىش بىلەن قولغا ئېلىنىپ، كېيىن 3 كۈن ئىچىدە چېگرادىن چېقىپ كېتىش بۇيرۇقى بىلەن ھىندىستاندا تۇرالماي، كالكۇتادىكى ياپونىيە سودا پاراخوتىغا ئولتۇرۇپ شاڭخەيگە كېلىدۇ. شاڭخەيدە ئۇچ كۈن تۇرۇپ ئۇ يەردىن كېيىن ياپونىيىگە يېتىپ بارىدۇ. توكيوغا كېلىپ «شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال ئۇيۇشمىسى» نى قۇرىدۇ. بۇ ئۇيۇشمىنىڭ رەئىسى مەخمۇت مۇھىتى بولىدۇ، خوتەن ئەمىرى مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا يەنى ھەزرىتىم ئافغانىستاندا بولسىمۇ ئۇنى مۇئاۋىن رەئىسلىككە سايلايدۇ ۋە بۇ ئۇيۇشمىنىڭ خىراجىنى ئىئانە توپلاش ئارقىلىق ھەل قىلماقچى بولىدۇ. ئاكىسى مۇسۇل ھاجى مۇھىتى ياپونىيىدە قەپقالىدۇ. كېيىن مەخمۇت مۇھىتى بېيجىڭغا قايتىپ كېلىدۇ ھەمدە 1944-يىلى بېيجىڭدا ۋاپات بولىدۇ. ياپونىيىدىكى قالغان ئىشلارنى مۇسۇل ھاجى ئۆزى داۋاملاشتۇرۇپ تاكى 1941-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى توكيودا ۋاپات بولغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرىدۇ.
توكيودىكى بۇ مازارلىقتا مۇسۇل ھاجى مۇھىتى ۋە شۇنداقلا گېنېرال مەخمۇت مۇھىتىنىڭ تەرجىمانى قەشقەرلىك توختى بەگ زادە قاتارلىق كىشىلەر ياتقان بولۇپ. ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرلار ھېيت-بايرام كۈنلەردە ئۇلارنى ئەسلەش يۈزىسىدىن بۇ مازارلىقلارنى يوقلاپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنىڭ تارىختىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى ياد ئېتىپ تۇرىدۇ. 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە داۋاملاشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ توكيودىكى 4-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللەر ۋە تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىمۇ يىغىننىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە بۇ مازارلىقنى زىيارەت قىلغان ئىدى.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ۋە شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم قاتارلىق ئەپەندىلەر بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.