بىز بۇ ماقالىنى چۆرىدىگەن ئاساستا نامايىش ئۇقۇمى ۋە نامايىش قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
مىركامىل قەشقىرى ئەپەندى نامايىش ئۇقۇمى ۋە نامايىش قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
- نامايىش دېگەن نېمە؟ نامايىش زۇلۇمغا ۋە ناھەقچىلىككە قارشى توۋلانغان سادا، زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىكنى ئەسلا قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان جاكار. نامايىش ئاجىزلار بىلەن مەزلۇملارغا نىسبەتەن زالىم ھۆكۈمرانلارنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلايدىغان، نىقابىنى يىرتىپ، پۈتۈن دۇنياغا سازايى قىلىدىغان ئەڭ ئۆتكۈر قورال. مۇستەملىكىگە قارشى نامايىش بولسا، بىر دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ مۇستەملىكىگە قارشى ئومۇميۈزلۈك مەيدانىنى بەلگىلەيدىغان ۋە ئازادلىقى ئۈچۈن ھەر دائىم، ھەر قانداق كۈرەشتىن يانمايدىغانلىقىنى ۋە مۇستەملىكىگە قەتئىي باش ئەگمەيدىغانلىقىنى نامايان قىلىدىغان ئەمەلىي كۈرەش. مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە تىنىمسىزلىق ۋە جۇشقۇن كەيپىيات بەخش ئېتىدىغان يادرولۇق ئامىل. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شۇ مىللەت ئەزالىرىنىڭ مۇستەملىكىگە قارشى ئېڭىنى ئۆستۈرىدىغان، تەربىيىلەپ يېتىلدۈرىدىغان ئەڭ ياخشى مەكتەپ. ئىنساننىڭ ھەر خىل خاراكتېرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان نېرۋا سىستېمىسى. شۇڭا دۇنيادىكى پۈتۈن ھەرىكەتلەر نامايىشتىن باشلانغان. تارىختا نامايىش بىلەن باشلانمىغان ھېچقانداق ھەرىكەت يوق.
مىركامىل قەشقىرى ئەپەندى نامايىشقا سەل قاراپ قاتناشمايدىغانلارنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى:
-بىر تەرەپتە خىتايلار، پىتنىكەشلەرنى ئىشقا سېلىپ نامايىش قىلغاننىڭ نېمە پايدىسى، كونسۇلغا چىقىپ ۋارقىراپ قويغانغا ئىش ھەل بولامتى، دېگەندەك تەتۈر تەشۋىق تارقىتىش، چەتئەلدىكىلەرنىڭ ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىپ، ۋەتەنگە كىرىپ چىقىش تاماسىغا مۇپتىلا قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنى نامايىشقا چىقمايدىغان قىلىشقا، جۈملىدىن « پۈتۈن ئۇيغۇرلار رازى، نارازىلىق بىلدۈرۈش پەقەتلا تۆت بەش ئادەمنىڭ ئىشى» دېگەننى ئىسپاتلاشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن چەتئەللەردىكى خېلىي ئىلغار زىيالىي، تەشۋىقاتچى، ئۇستاز، رەھبەرلەرمۇ سەل قاراپ نامايىشلارغا قاتناشماي، بىر ھېسابتا بىلىپ بىلمەستىن، خىتايلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىماقتا.
مىركامىل قەشقىرى ئەپەندى سۆزىدە يەنە نامايىش قىلىشنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بىر ئىبادەت ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى:
-ئەگەر بىز خىتايغا قارشى نامايىشلارنى ھېچ بولمىغاندا قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ياكى زۇلۇمغا سۈكۈت قىلماسلىق ھەرىكىتى دەپ كۆرىدىغانلا بولساق، ئۇ چاغدا بىزنىڭ بۇ قارىشمىز يەنى نىيىتىمىز نامايىشنى بىر ئىبادەتكە ۋە پەرز ئەين قىلىنغان جېھادقا ئايلاندۈرالايدۇ، گەپ بىزنىڭ نامايىشقا بولغان تونۇشىمىزدا، ئۇنى زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ياكى قورالى دەپ بىلىشىمىز ياكى بىلمەسلىكىمىزدە، ئەگەر شۇنداق تونۇشقا كېلىدىغانلا بولساق، ئۇ چاغدىچۇ؟! بىز مەيلى كىم ئۇيۇشتۇرغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم قاتنىشىدىغان ۋە بىر كىشىلىك مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلدىم دەپ، خۇشاللىق ھېس قىلالايدىغان، چىقماسلىقنى بولسا، زۇلۇمغا قارشى سۈكۈت قىلىش قاتارىدا كۆرىدىغان بولىمىز.
مىركامىل قەشقىرى ئەپەندى سۆزىدە يەنە، نامايىش قىلىشنىڭ دۈشمەنگە قارشى قوللىنىدىغان ئەڭ ئۆتكۈر قورال ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
-بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «زۇلۇمغا سۈكۈت قىلغان كىشى تىلسىز شەيتاندۇر» دېگەن مەشھۇر ھەدىسىمۇ بار. قىسقىسى ھەممىمىز ياخشى بىلىمىز، چەتئەلدە خىتايغا قارشى ئۇرۇش ئاچقىلى بولىدىغان ئۇرۇش مەيدانى يوق. ھازىرقى دەۋردە دۈشمەنگە قارىتىدىغان ئەڭ ئۆتكۈر قورالمۇ نامايىشتىن ئىبارەت بولۇپ كەلمەكتە..... مىسىر... تۇنىس..... ئەمەلىيەتتىمۇ چەتئەللەردە بىز قىلالايدىغان، دۈشمەنگە ئەڭ ئۈنۈملۈك زىيان سالايدىغان ھەرىكىتىمىز ۋە قورالىمىزمۇ نامايىش قىلىش، لەنەتلەش، خىتاينىڭ ئەپتە بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاشتىن ئىبارەت. ئەگەر بۇنى قىلىشتىنمۇ قاچساق، دۈشمەننىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قىلىشتىن، زىيىنىغا ئۇچراپ قىلىشتىن قورقۇپ، گويا ئۇلاردىن كېلىدىغان ئازابنى ئاللانىڭ ئازابى بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويساق، ھەمدە بۇ قىلمىشىمىزنى ھېكمەت تونىغا ئوراپ دانالىقىمىزنىڭ نامايەندىسى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنساق، ئۇ چاغدا ئاللانىڭ ئازابىنى كۈتمەكتىن باشقا چارىمىز يوق. چۈنكى، بۇ خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ھېلە نەيرەڭلىرىنىڭ ئىشقا ئېشىشىنى تېزلاشتۇرۇپ بەرگەنلىكىمىز بولىدۇ.... دۇنيادا بۇنداق مەنتىقسىز ھېكمەت بولمايدۇ. مەنمۇ خېيىم خەتەردىن قورقۇپ چىقمىسام، باشقىسىمۇ چىقمىسا، خىتاينىڭ چەتئەللەردە قىلىۋاتقان ھېلە نەيرەڭلىرى كۆز ئالدىمىزدا ئىشقا ئېشىپ كېتىۋەرسە، ئۇ چاغدا چەتئەللەردە بىز زالىم خىتايغا قارشى ھېچ ئىش قىلمىغان، جۈملىدىن زۇلۇمغا قارشى سادا ياڭراتمىغان بولۇپ قالمامدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى بويىچە، « زۇلۇمغا سۈكۈت قىلغان تىلسىز شەيتان»غا ئايلانغان بولمامدۇق؟ ئىش پۈتۈنلەي تۈگىگەن بولمامدۇ؟