2012-لوندون ئولىمپىكى ھەققىدە پاراڭلار

ھەر 4 يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 27-ئىيۇل جۈمە كۈنى ئەنگلىيىنىڭ پايتەختى لوندوندا كۆركەملىك ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

0:00 / 0:00

تەنھەرىكەت ئارقىلىق دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا ئۆز-ئارا چۈشىنىش، دوستلۇق-قېرىنداشلىق ۋە ئۆز ئارا كەڭ-قورساقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئولىمپىك مۇسابىقىسى يىللاردىن بۇيان تىنچلىقنىڭ سىمۋولى بولۇپ كەلدى. ئەمما يېقىندا بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ئولىمپىك كومىتېتىنى ئولىمپىك روھىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.

ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ دەسلەپ قەدىمىي گىرىك ئىمپېراتورلۇقىدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ھېكايەت قىلىنىدىغان بولۇپ، گىرىك ئىمپېراتورلۇقىدا ئۆتكۈزۈلگەن تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىنىڭ روھىغا ئاساسەن 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغا كەلگەندە فرانسۇز ئاقسۆڭەكلىرىدىن بارون خەلقئارا ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. نەتىجىدە 1894-يىلى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى باروننىڭ يېتەكچىلىكىدە ۋە 13 دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ بىر ئارىغا كېلىشى بىلەن قۇرۇلدى. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنى 1896-يىلى تۇنجى ھازىرقى زامان ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئاتىنادا ئۆتكۈزۈلگەن. ئەنە شۇندىن بېرى ھەر 4 يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە. پۈتۈن دۇنيادىن كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەر، ئاخباراتچىلار ۋە يۈز مىڭلىغان تاماشىبىن بىر ئارىغا جەم بولىدىغان بۇ مۇسابىقە تىنچلىقنىڭ سىمۋولى بولۇپ كەلمەكتە.

ئەمما كېيىنكى يىللاردا، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەسلىدىكى مەقسىتىنى يوقاتقانلىقى، ئولىمپىك روھىنى جارى قىلدۇرالمايۋاتقانلىقى قاتتىق مۇنازىرە پەيدا قىلىۋاتقان تېمىغا ئايلاندى. بولۇپمۇ 2008-يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھەققىنىڭ خىتايغا بېرىلىشى خەلقئارادا ئەڭ قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان ۋە ئولىمپىك كومىتېتى قاتتىق ئەيىبلەشكە قالغان بىر نۆۋەتلىك ئولىمپىك بولدى. تەنقىدچىلەر دېموكراتىك بولمىغان، ئۆز خەلقىنىڭ ئەڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىغىمۇ كاپالەتلىك قىلمايدىغان بىر دۆلەتنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشى ئولىمپىكنىڭ روھىغا تۈپتىن زىت، دېدى. ئەمما، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قايتا-قايتىلاپ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىلىرى نەتىجىسىدە بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا ئەسلىدىكى پېتى قالدى. ئولىمپىك كومىتېتى خىتايدا ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق خىتاينى ئۆزگەرتىش مەقسىتىگىمۇ يېتەلمىدى.

2008-يىللىق ئولىمپىكنى خىتايدا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق ئەيىبلەشلەرگە دۇچار بولغان ئولىمپىك كومىتېتى بولسا، بۇ يىلمۇ يەنە ئوخشىمىغان تېمىلاردا ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىماقتا. بۇلاردىن بىرى، ئولىمپىكتە ئىشلىتىدىغان تۈرلۈك خاتىرە بۇيۇملىرىنىڭ خىتايدا ئىشلىنىشى ۋە خىتايدىكى ئىشچىلار ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش مەسىلىسى. تۈنۈگۈن مەركىزى خوڭكوڭدىكى ئىشچىلار ھوقۇقى تەشكىلاتى ئولىمپىك كومىتېتىنى خىتايدا ئولىمپىك بۇيۇملىرى تەييارلاۋاتقان زاۋۇتلاردىكى ئىشچىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىنىشىغا كۆز يۇمۇش بىلەن ئەيىبلىدى. ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، خىتايدىكى شىندا ۋە شىۋېي ئىسىملىك ئىككى زاۋۇت ئولىمپىك بۇيۇملىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ئىشچىلارنى ناچار شارائىتلاردا كۈندە 11-12 سائەت ئەتراپىدا ئىشلەتكەن. بۇ ئىشچىلارغا ئارتۇق ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن قوشۇمچە پۇلمۇ بېرىلمىگەننىڭ ئۈستىگە، ئۇلارغا دەم ئېلىشقىمۇ ۋاقىت بېرىلمىگەن. مەزكۇر ئىشچىلار ھوقۇقى تەشكىلاتى ئېلان قىلغان باياناتىدا، يۇقىرىدىكى ئەھۋالنى بىر قانچە قېتىم لوندونغا ئىنكاس قىلغان بولسىمۇ، بۇنىڭغا بىر جاۋاب ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئولىمپىك كومىتېتىنى ئىشچىلار ھوقۇقىغا سەل قاراش بىلەن ئەيىبلىدى.

بۇنىڭدىن سىرت، ئولىمپىك كومىتېتى يەنە بەزى ئادەمگە زىيانلىق خىمىيىلىك ماددىلارنى لوندون ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ئىشلىتىشكە يول قويۇش بىلەنمۇ ئەيىبلىنىۋاتقان بولۇپ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئولىمپىك كومىتېتىنى مەزكۇر زەھەرلىك ماددىنىڭ ئولىمپىك ئۈچۈن سېلىنغان قۇرۇلۇشلاردا ئىشلىتىلگەنلىكى سەۋەبىدىن ئەپۇ سوراشقا قىستىماقتا. ئەمما، ئولىمپىك كومىتېتى ھازىرغىچە بۇ ھەقتە بىر جاۋاب بەرمىدى.

بۈگۈن خىتايدىكى داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى، 2008-بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ تەنتەربىيە سارىيىنى لايىھىلىگەن ئەي ۋېيۋېي ئەنگلىيىدە چىقىدىغان مۇھاپىزەت گېزىتىدە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، ئولىمپىك روھىنى مۇنازىرە قىلدى. ئۇ ماقالىسىدە ئولىمپىك ئەسلىدىكى روھىنى يوقىتىپ، تاۋارلىشىپ كەتتى، دېگەن:
ئولىمپىك ھازىر قاتتىق تاۋارلىشىپ كەتتى. ئۇ ھازىر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەمەس، بەلكى شەھەر ۋە شىركەتلەر پۇل تېپىش ئۈچۈن ئۆز-ئارا رىقابەتكە چۈشىدىغان مەيدانغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇ ئەمدى ئىنسانىيەت تەنھەرىكەت ئارقىلىق ئۆزىنى ئىپادىلەيدىغان بىر ۋاسىتە بولۇشتىن قەپقالدى. خىتايدا ئولىمپىك ھەر ۋاقىت خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىدىغان ۋاسىتە قىلىنغان. خىتاي ئالتۇن مېداللارنى دۇنيا سەھنىسىدە ئۆزىنىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۆز خەلقىگە كۈچىنى كۆرسىتىشكە ئىشلىتىپ كەلدى.

ئەي ۋېۋېي 2008 بېيجىڭدا ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشنىڭ ئولىمپىك روھىغا خىلاپلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن:
مەن ئاتالمىش ئولىمپىك روھىغا ئىشەنمەيمەن. بۇنى ئۆزۈمنىڭ تەجرىبىسىدىن يولغا چىقىپ تۇرۇپ سۆزلەۋاتىمەن. خىتاي ئولىمپىكى خەلققە باغرىنى ئاچمىغان. ئولىمپىك كومىتېتى خىتايدىكى نۇرغۇن مۇھىم ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ۋە سىياسىي مەسىلىلەرگە تۇتقان مەيدانىدا مەغلۇپ بولدى. مۇسابىقىدىن كېيىن خىتاي كونترولنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندى. «دوستلۇق، ئادىل رىقابەت، غەلىبە ۋە تىنچلىق» دېگەن ئولىمپىك شوئارلىرىنىڭ ئىچى قۇرۇق. بېيجىڭ ئولىمپىكى يالغان كۈلكىلەر بىلەن يۇغۇرۇلغان. بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئېچىلىش مۇراسىمىدىن ئاياغلاشقۇچە ھەممىسى دىكتاتور رېجىمنىڭ قۇدرىتى ھەم ئەندىشىسىنى نامايان قىلدى. بىر دۆلەت ئۆزىنىڭ دىكتاتور قۇدرىتى ئارقىلىق نۇرغۇن نەرسىلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرالىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ ئۆز خەلقىگە ئەسلا خۇشاللىق ۋە بەخت ئېلىپ كېلەلمەيدۇ.

ئۆكتىچى سەنئەتكار ماقالىسىنىڭ داۋامىدا ئۆزىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك لوندون ئولىمپىكى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى ۋە ئۈمىدىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:
-مەن تېلېۋىزور كۆرمەيمەن. بېيجىڭ ئولىمپىكنىمۇ كۆرمىگەن. بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى كۆرۈشكىمۇ ئانچە قىزىقىپ كەتمەيمەن. چۈنكى، مەن ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك ھېسسىيات ۋە كۈرىشىدىن ئايرىلىپ قالغان ھەرقانداق پائالىيەتكە قىزىقمايمەن.... مەن لوندونغا بىر قانچە قېتىم بارغان. بۇ شەھەرنىڭ ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن كۈچلۈك ۋە تەبىئىي بىر باغلىنىشى بار ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، لوندون خەلقى ئۆزىنىڭ ھاياتىدىن مەمنۇن ئىكەن. لوندون شەھىرى مەدەنىيەتكە باي ئىكەن. ئەپسۇسكى، مېنىڭ چەتكە چىقىشىم چەكلەنگەن. بولمىسا لوندونغا بېرىپ لوندون ئولىمپىكىنىڭ لوندون شەھىرىگە ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر قاتلىمىدىكى كىشىلەرگە نېمە ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ كەلگەن بولاتتىم. لوندوندا ئولىمپىك قانداق بولىدۇ، بىلمەيمەن. بىراق شۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىلكى، لوندون ئولىمپىكى بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارىغاندا ئەركىن بولىدۇ ۋە لوندون خەلقىمۇ ئولىمپىكنىڭ خۇشاللىقىغا تەڭ جۆرە بولالايدۇ.

لوندون ئولىمپىك مۇسابىقىسى مانا مۇشۇنداق مۇنازىرىلەر ئاستىدا 27-ئىيۇل كۈنى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. لوندون ئولىمپىكىدىكى بىر قانچە ياخشى خەۋەر بولسا، ئالدى بىلەن لوندون ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە بوكس تۈرى بويىچە بىر ئۇيغۇر قاتناشتى. ئاندىن سەئۇدى ئەرەبىستان تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئىككى ئايال تەنھەرىكەتچىنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇردى. ئولىمپىك كومىتېتى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بۇ جەھەتتە سەئۇدى ئەرەبىستانغا خىزمەت ئىشلەپ كەلگەن ئىدى.