ئۇيغۇرلار ياۋروپا دۆلەتلىرىدە پاناھلىق تىلەشتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟

يېقىندىن بېرى بولۇپمۇ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىگە بېرىپ پاناھلىق تىلىگۈچى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.

0:00 / 0:00

بۇ ئۇيغۇرلار ياۋروپا دۆلەتلىرىدە پاناھلىق تىلەشتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلمىگەچكە، بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ رەسمىيەتلىرى مۇرەككەپلىشىپ كەتمەكتە ئىكەن.

ياۋروپادا پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ شەرتلىرى 1951-يىلى جەنۋەدە ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەر تەرىپىدىن قول قويۇلغان جەنۋە توختامنامىسىدە، بىراۋ دۆلىتىدە ئىرقىي كەمسىتىشكە ئۇچرىسا، سىياسىي كۆز قارىشى تۈپەيلىدىن بېسىم ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىسا، مىللىي كېلىپ چىقىشى تۈپەيلىدىن بېسىم كۆرسە، دىنىي ئېتىقادى، مىللىي ئۆرپ ۋە ئادەتلىرى تۈپەيلى كەمسىتىشكە، بېسىمغا ئۇچرىغان بولسا پاناھلىق تىلىسە بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. ئۇنداقتا، ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋروپادا پاناھلىق تىلەش ئۈچۈن شەرتى توشامدۇ؟

ياۋروپاغا كېلىپ پاناھلىق تىلەۋاتقان ئۇيغۇرلار نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى مەمەت توختى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مەمەت توختى ئەپەندى سۆزىدە تۈركىيە ئارقىلىق بېلگىيىگە كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا بەزى كىشىلەر خاتا مەلۇمات بەرگەچكە پاناھلىق تىلىگەندىن كېيىن رەسمىيەتلىرىنىڭ مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، توغرا مەلۇمات ئېلىشنى خالىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ يانفونىغا تېلېفون قىلىپ، پاناھلىق تىلەش ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئالسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. (مەمەت توختىنىڭ يانفون نومۇرى: 0032499756216)

بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى مەمەت توختى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.