ئەخەت ھاجىم بىلەن ئارىپجان پارىژدا ئۇيغۇر ئاشخانىسى ئاچتى

2011-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى ئەخەت ئېلى ۋە ئارىپجان مۆمىن ھەمكارلىشىپ، پارىژ شەھىرىدە قەشقەرىيە ئۇيغۇر رېستورانى ئاچتى. رېستوراندا ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، ھەرقايسى مىللەت خېرىدارلىرى ياقتۇرۇپ يېمەكتە.

0:00 / 0:00

پارىژ فرانسىيىنىڭ پايتەختى شۇنداقلا فرانسىيە رايونىنىڭ مەركىزى. ئۇ تارىخىي ئاسارە-ئەتىقىلىرى، مەدەنىيەت ۋە سەنئەت پائالىيەتلىرى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. پارىژ دۇنيا تارىخىدىكى مۇھىم شەھەرلەردىن بىرى بولۇپلا قالماستىن، دۇنيانىڭ مۇھىم سىياسىي، ئىقتىسادىي مەركەزلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

qeshqeriye-uyghur-restoranti-385.jpg
پارىژ شەھىرىدىكى قەشقەرىيە ئۇيغۇر رېستورانى. 2011-يىلى 16-سېنتەبىر. (RFA/Erkin Tarim)

21-ئەسىرگە كىرگەن كۈنىمىزدە پارىژنىڭ نوپۇسى 12 مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ نوپۇسقا ئىگە شەھەرلەردىن بىرىدۇر.

بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا بىز، فرانسىيىدە ئېچىلغان قەشقەرىيە ئۇيغۇر رېستورانىنى تونۇشتۇرىمىز.

رېستورانغا ئۇيغۇرلار، فرانسۇزلار، تۈركىي مىللەت خېرىدارلىرى كۆپلەپ كەلمەكتە.

قەشقەرىيە ئۇيغۇر رېستورانى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، رېستوران خوجايىنى ئەخەت ئېلى ۋە ئارىپجان مۆمىن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.