قازاقىستان سلاۋىيان يېزىقىدىن لاتىنچىغا كۆچمەكچى
2013.01.09

ئۇ شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا، ئوتتۇرا يەر دېڭىزى قىرغاقلىرىدىكى دۆلەتلەر ۋە ئافرىقا ھەم تىنچ ئوكيان مەملىكەتلىرىنىڭ لاتىنچىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېگەن:
«بۇ زامانىۋىلىق، تېخنىكا، بىلىم ۋە ئىلىم تىلىدۇر. لاتىن يېزىقى بىزگە پۈتكۈل ئالەم خەلقلىرى، دۇنيا ئىلىملىرى ۋە بىلىملىرى بىلەن ئالاقە قىلىشىمىز ئۈچۈن كېرەك. شۇڭلاشقا بىزنىڭ ياشلىرىمىزنىڭ ئىنگلىز تىلىنى ئاكتىپ ئۆگىنىۋاتقانلىقى ناھايىتى مۇھىمدۇر. ئوتتۇرا ئەۋلاد ۋەكىللىرىمۇ ئۇنى ئۆزلەشتۈرۈشكە تىرىشماقتا.»
نازاربايېف يەنە لاتىن يېزىقىغا كۆچۈش ئۈچۈن مەلۇم بىر ۋاقىتنىڭ كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى ھەم بۇ ئىشنىڭ پەيدىن-پەي ۋە خاتىرجەم ئېلىپ بېرىلىش كېرەكلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان مەدەنىيەت ۋە ئاخبارات مىنىستىرلىقى تىل كومىتېتى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى شېرۇباي قۇرمانباي ئوغلى بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
سوئال: كىرىل يېزىقىغا كۆچۈش ئۈچۈن ئەڭ بىرىنچى ۋەزىپە نېمىدىن ئىبارەت دەپ ئويلايسىز؟
جاۋاب: 20 يىل بويى لاتىن ئېلىپبەسىگە كۆچۈش لازىممۇ ياكى لازىم ئەمەسمۇ؟، پايدىلىقمۇ ياكى پايدىلىق ئەمەسمۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىنى ئالىملار، زىيالىيلار مۇھاكىمە قىلىپ كەلدى. پرېزىدېنتىمىز نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ مۇراجىئىتىدىن كېيىن لاتىن يېزىقىغا كۆچۈشنىڭ قەرەلى بەلگىلىنىپ، سىياسىي قارار قوبۇل قىلىندى.
ئالدى بىلەن لاتىنغا قانداق كۆچىمىز؟ بۇ خەلقنىڭ ئەھۋالىغا، بىزنىڭ بىلىم بېرىش سىستېمىمىزغا قانداق قىلغان ھالەتتە ئازراق تەسىر قىلىشى مۇمكىن؟ دېگەن مەسىلە تۇرىدۇ. ئىككىنچىدىن، قازاقنىڭ تاۋۇشلۇق سىستېمىسىنى دەل ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئېلىپبەنى تۈزۈش، قېلىپلاشتۇرۇش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇۋاتىدۇ. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مېنىڭ پىكرىمچە، ھۆكۈمەت دەسلەپتە چوڭ بىر دۆلەت كومىسسىيىسىنى قۇرۇشى لازىمدۇر.
سوئال: بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداش قايسى ساھەگە ياكى مىنىستىرلىككە يۈكلىنىشى مۇمكىن؟
جاۋاب: بۇ پەقەت ئىلىم، بىلىم ياكى باشقا بىرەر ساھەنىڭ ئىچىگە كىرىدىغان دۇنيا ئەمەس، ياكى شەخسلەرگە مۇناسىۋەتلىك نەرسە ئەمەس، بەلكى بىر جەمئىيەتنى، مەملىكەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مىللىي مەسىلىدۇر. ئېلىپبە ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىگە جەمئىيىتىمىزنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ ئالاقىسى بولۇش شەرت. شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا بۇ ئېلىمىزنىڭ تىل ساھەسىنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇشىمىز كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەت رەھبىرى باشچىلىقىدا بىلىم، ئىلىم، مەدەنىيەت، ئاخبارات، ئالاقە، مالىيە ساھەلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ مىنىستىرلىرىنى جەلپ قىلغان ھالدا بارلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، دۆلەت كومىسسىيىسىنىڭ ئىشىنى ماڭدۇرۇش لازىم.
2025-يىلغىچە يەنە 12 يىل بار ئىكەن. ھەر بىر يىلدا قانداق ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز؟ بۇنىڭغا قايسى ساھەلەر، مۇتەخەسسىسلەر جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ، شۇلارغا ۋەزىپە يۈكلىشىمىز لازىم. مەسىلەن 2025-يىلى مەكتەپكە بارىدىغان بالىلارنىڭ قولىدا زۆرۈر ئوقۇش قوراللىرىنىڭ بولۇشى شەرت. ئۇنداق بولمىغان تەقدىردە ئۆزىمىزنىڭ بىلىم بېرىش سىستېمىسىغا، بالىلارنىڭ ساپالىق بىلىم ئېلىشىغا زىيان يەتكۈزىمىز.
شېرۇباي قۇرمانباي ئوغلى بۇ ئىشتا ئاساسىي جاۋابكارلىقنىڭ بىلىم ساھەسىگە ئارتىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە ئاخبارات، نەشرىياتچىلىق ساھەلىرىنىڭمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ شۇنداقلا ئىنتېرنېتنى مۇكەممەل ئىگىلىگەن ياشلاردا بۇ مەسىلىگە قىزىقىش ھاسىل قىلىش ۋە لاتىن يېزىقىنى ياخشى بىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭمۇ يېتەرلىك بولۇش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
سوئال: بۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا تىل مۇتەخەسسىسلىرىگە قانداق تەلەپلەر قويۇلماقچى؟
جاۋاب: تىل مۇتەخەسسىسلىرىگە قويۇلىدىغان ئاساسىي تەلەپ شۇكى، ئالدى بىلەن قازاق تاۋۇشلۇق سىستېمىسىنى دەل ئەكس ئەتتۈرىدىغان، يەنى كىرىل ئېلىپبەسىگە كۆچكەندىكىدەك بىزگە ھاجەت ئەمەس ھەرپلەرنى كىرگۈزۈۋالماي، ئۆزىمىزنىڭ تىلىغا تەڭ، فونېتىكىلىق سىستېمىمىزغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئېلىپبەنى ئىشلەپ چىقىشىمىز زۆرۈر. بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلىغاندىن كېيىن ئىملا لۇغىتىنى قايتا تۈزۈپ چىقىش پىلانى تۇرىدۇ.
سوئال: لاتىن يېزىقىغا ئۆتۈشكە قارشى چىققۇچىلار ياكى ئۇنى قوللىمايدىغانلار بارمۇ؟
جاۋاب: ئەلۋەتتە، بۇنىڭغا قارشى چىقىۋاتقانلارمۇ بار. بىز يېڭى ئېلىپبەنى قوبۇل قىلىشنى پەقەت ئۆزىمىز ئۈچۈن پايدىلىق ئىش دەپلا قارىماسلىقىمىز لازىم، بەلكى بۇنى تارىخىي زۆرۈرلۈكتىن، مەجبۇرلۇقتىن تۇغۇلغان مەسىلە، دەپ چۈشىنىشىمىز كېرەك. خەلقنىڭ يىللار بويى توپلىغان تارىخىي، مەدەنىي، ئىلمىي، ئەدەبىي مىراسلىرىنى بىر ئېلىپبەدىن يەنە بىر ئېلىپبەگە كۆچۈرۈشنىڭ، ئەلۋەتتە، قىيىنچىلىقلىرىمۇ بار. بۇنىمۇ ئۇنتۇماسلىقىمىز ھاجەت. مەسىلەن، 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئەلىخان بۆكېيخانوف، ئەخمەت بايتۇرسىنوف باشلىغان «ئالاش» زىيالىيلىرى ئەرەب يېزىقىدا ئۆز ئەمگەكلىرىنى يېزىپ چىقتى. مانا شۇ مىراسىنى بۈگۈنكى ئەۋلادنىڭ 80-90 پىرسەنتىنىڭ، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپىنىڭ، ئوقۇش مۇمكىنچىلىكى يوق. ھەتتا فىلولوگىيە ساھەسىدىكىلەرمۇ ئەرەب يېزىقىدا يېزىلغان ئەمگەكلەرنى پايدىلىنالمايدۇ. پەقەت بەزى بىر ئەرەب يېزىقى بىلەن مەخسۇس شۇغۇللىنىپ يۈرگەنلار، ئۇنى بىلگەنلەر، مەشىقلەنگەنلار بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. خەتنى تونۇغان ھالەتتىمۇ ئۇنى تېز ئوقۇشنى بىلىش كېرەك. ھە، بۇنىڭغا ۋاقىت ھاجەت. شۇڭلاشقا ئادەملەر ئاخباراتنى تېز، ئۆزلىرىگە قۇلايلىق، ئۆزلىرى بىلىدىغان ئېلىپبە ئارقىلىق ئېلىشنى توغرا كۆرىدۇ.
ئېلىپبە ئالماشتۇرۇشقا قارشى بولۇشنىڭ ئىجتىمائىي، پسىخولوگىيىلىك تەرەپلىرىمۇ بار. ئادەم بالىلار باغچىسىغا بارىدۇ، 11 يىل مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، ئاندىن ئالىي ئوقۇش ئورنىدا يەنە بىر نەچچە يىل ئوقۇيدۇ، ئاندىن ئىشلەيدۇ. قىسقىسى، ئۆمۈر بويى كۆزى ئۆگەنگەن، قولى مەشىقلەنگەن ئېلىپبەنى باشقا بىر ئېلىپبە بىلەن ئالماشتۇرۇش، يېڭى يېزىققا كۆچۈش ئادەملەرگە سەلبىي پسىخولوگىيىلىك تەسىر يەتكۈزىدۇ. بىز مانا مۇشۇ تەرەپلىرىنىمۇ ھېسابقا ئېلىشىمىز لازىم.
ش. قۇرمانباي ئوغلى لاتىن يېزىقىغا ئۆتكەن تەقدىردە ئىلگىرى ئەرەب ۋە كىرىل يېزىقلىرىدا چىققان مىڭلىغان مەنبەلەرنى يېڭى ئېلىپبەگە كۆچۈرۈشنىڭ ئاماللىرىنى ئىزدەش ھاجەتلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ دۆلەت كومىسسىيىسى ئەزالىرىنىڭ لاتىن ئېلىپبەسىگە كۆچۈشتە ھەر خىل كۆز قاراشتا بولغانلارنىڭ بېشىنى قوشۇش ھاجەتلىكىنى، بارلىق ئېيتىلغان پىكىرلەرنى، تەكلىپلەرنى ئەقىل تارازىسىغا سېلىپ، چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، ئاندىن لايىق قارار ئېلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.