قازاق-ئۇيغۇر دوستلۇق تارىخىغا بىر نەزەر

تۈركىي خەلقلەردىن قازاق ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان بىر-بىرى بىلەن دوستلۇقتا، ئىتتىپاقلىقتا ھەم ئىناقلىقتا ئۆتكەنلىكى مەلۇمدۇر.

0:00 / 0:00

ئىككى خەلقنىڭ بۇ خىل دوستلۇقىغا پەقەت ئۇيغۇر زىيالىيلىرىلا ئەمەس، ھەتتا قازاق زىيالىيلىرىمۇ يۇقىرى باھا بەرمەكتە.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاق زىيالىيسى، قازاقىستان مائارىپىنىڭ ئەلاچىسى، پېشقەدەم ئۇستاز خالىما ھەدە بېكمۇخامېدوۋا ئەنە شۇ دوستلۇق ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەلۇمكى، 19-ئەسىردە چار رۇسىيىسى قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، ئۇيغۇر ھەم باشقىمۇ تۈركىي خەلقلەرنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن زېمىنلىرىنى بېسىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئەنە شۇنداق بىر ئېغىر ۋەزىيەتتە قازاق ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دوستلۇقى يەنىمۇ مۇستەھكەملەنگەن ئىدى. بۇ خىل دوستلۇق، پىكىرداشلىق ۋە ئۆزئارا ھېسداشلىق قىلىش 20-ئەسىردىمۇ ئىزچىل داۋام قىلدى. ئۇيغۇرلار بىلەن قازاقلار ئوتتۇرا ئاسىيادا سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىش يىللىرى، 1930-يىللاردىكى ئاممىۋى قىرغىنچىلىق ۋە ئاچارچىلىق دەۋرى، ۋەتەن ئۇرۇشى ھەم ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىگىلىك تىكلەش يىللىرىنى ھەم قايغۇنى ھەم خۇشاللىق ئىچىدە بىرلىكتە باشتىن كەچۈردى. قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىمۇ ئۇيغۇرلار تۇنجى بولۇپ، قازاقلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىدى.

ئۇرۇشتىن كېيىنكى يىللىرى بۇ دوستلۇق قازاق ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئوتتۇرىسىدىمۇ راۋاجلاندى. قازاق خەلقىنىڭ سەبىت مۇقانوف، مۇختەر ئەۋېزوف، غەبىت مۇسرېپوف، مۇقاغالى ماقاتايېف، ئابدۇۋەلى قايداروف، سېرك قىرابايېف قاتارلىق مەشھۇر شەخسلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ زىيا سەمىدى، ھېزمەت ئابدۇللىن، مۇرات ھەمرايېف، ئىلىيا-بەختىيا، غوجاخمەت سەدۋاقاسوف كەبى ئاتاقلىق زىيالىيلىرى بىلەن قويۇق ئارىلاشتى، بىر-بىرىگە يار-يۆلەك بولدى ھەم دوستلاشتى. بولۇپمۇ، 1970- ۋە 1990-يىللىرى بۇ سەمىمىي دوستلۇق ئۆزىنىڭ ئەڭ بۈيۈك چوققىسىغا يەتتى.