مەلۇمكى، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى كەرىم مەسىموف دۆلەت پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف نامىغا ئۆز لاۋازىمىدىن بوشىنىش توغرىلىق ئەرز بەرگەن بولۇپ، مەملىكەت رەھبىرى 24-سېنتەبىر كۈنى بۇ ئەرزىگە قول قويغان. كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا ك. مەسىموف قازاقىستان پرېزىدېنتى مەمۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى لاۋازىمىغا، ئەمدى ھۆكۈمەت باش مىنىستىرى ئورنىغا بولسا سېرك ئاخمېتوف سايلانغان. س. ئاخمېتوف ئىلگەركى ھۆكۈمەت تەركىبىدە باش مىنىستىرنىڭ بىرىنچى ئورۇنباسارى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتاتتى.
«سېنتىر ئاسىيا» تور گېزىتىدا ئېلان قىلىنغان «مەسىموفنىڭ ۋەزىپىسى قازاقىستاندا يېڭى مەزمۇندىكى سىياسىي ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرىدۇ» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى مىخايىل پاك ك. مەسىموفنىڭ يېڭى لاۋازىمىغا باھا بېرىپ، پرېزىدېنت مەمۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى ۋەزىپىسىگە ئىچكى سىياسەتنىڭ بىر قانچىلىغان مەسىلىلىرىنىڭ كىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ لاۋازىمدىكى شەخس مەملىكەتتە يۈز بېرىۋاتقان كۆپلىگەن ۋەقەلەرگە، شۇ جۈملىدىن، رايونلۇق رەھبەرلەرنى بەلگىلەشكە، جاي-جايلاردا قېلىپلاشقان ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، ئۇلار بويىچە چارىلەر قوللىنىشقا، شۇنداقلا پرېزىدېنت بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنلاشقا ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىنى يەتكۈزىدۇ، يەنى پرېزىدېنت مەمۇرىيىتى ئومۇمەن دۆلەت رەھبىرىنىڭ جاي-جايلاردىكى ھاكىمى بولۇپ، ئۇ ھۆكۈمەت مىنىستىرلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرماقچى ئىكەن. ماقالە ئاپتورى قازاقىستان پرېزىدېنتى مەمۇرىيىتىنىڭ مىللىي بىخەتەرلىك كومىتېتى ئىشىنى نازارەت قىلىش، شۇنداقلا مەملىكەت رەھبەرلىكىدىكى قەبىلىلەر ئارا تەڭپۇڭلۇقنى كۆزىتىش ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆز ئالدىغا قويالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رۇسىيىنىڭ «رىئا نوۋوستى» ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن «نازاربايېف قازاقىستاندىكى ھۆكۈمەت ئالمىشىشىنى چۈشەندۈردى» ناملىق ماقالىدە قازاقىستان پرېزىدېنتى ھۆكۈمەت ئۆزگىرىشىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈرگەن: «ئادەتتە ۋەزىيەت پىشىپ يېتىلگەندە، مەملىكەتنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي مەۋقەسى ھالسىزلانغاندا، جەمئىيەت تەلەپ قىلغاندا ھۆكۈمەتنى ئۆزگەرتىدۇ. بىزدە ئۇنداق ئەمەس. بىزدە پرېمىيېر مىنىستىر ئىستېپا ھەققىدە ئۆتۈنۈش قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىش يۈز بەردى، بۇنى ئۇ ئۆتكەن يىلىمۇ قىلغان ئىدى. ئادەم بىر ئاز ھارغاندا ھەم ئۆز مەۋقەسىنى ئۆزگەرتىشنى خالىغاندا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يېڭى ئادەم كېرەك دەپ بۇنى چۈشەندۈرگەندە، مەن ئۇنى چۈشىنىپ، ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلدىم.» ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ن. نازاربايېف ھەر بىر ئادەمگە كۆپ ۋاقىت ۋە كۈچنىڭ كېتىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، بۇ تەجرىبىنىڭ بىكار كەتمەسلىكى ئۈچۈن ك. مەسىموفنى يىراققا قويۇپ بەرمەي، پرېزىدېنت مەمۇرىيىتى باشلىقى قىلىپ بەلگىلىگەن.
رۇسىيىنىڭ «موسكوۋسكىيې نوۋوستى» گېزىتىنىڭ مەخسۇس مۇخبىرى ئاركادىي دۇبنوفمۇ قازاقىستاندىكى ۋەزىيەتكە ئۆز باھاسىنى بېرىپ، ئۇ ماقالىسىنى «قازاقىستاننىڭ يەتتىنچى باش مىنىستىرى بىرىنچى ۋەزىر بولدى» دەپ ئاتىغان. ئۇ قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرى باسقۇچىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ مەملىكەت رەھبەرلىكىدىكى كۈچلەر ئارىسىدا ئورنىتىلغان يېڭى تەڭپۇڭلۇقتىن ھەمدە قازاقىستاندىكى ھەر خىل قەبىلىلەر ئارىسىدا كېتىپ بارغان كۈرەشنىڭ ن.نازاربايېف تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئا. دۇبنوف شۇنداقلا ك. مەسىموفنى رۇسىيە كەيپىياتىدىكى سىياسەتچى سۈپىتىدە قاراپ، ئۇنىڭ يېڭى لاۋازىمىنىڭ رۇسىيىنىڭ ھازىرقى رەھبەرلىرىنى قانائەتلەندۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى، كۆپلىگەن كۆزەتكۈچىلەر ك.مەسىموفنىڭ تاموژنا ئىتتىپاقى ۋە بىر پۈتۈن ئىقتىسادى بوشلۇق دائىرىسىدە قازاقىستاننىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا كۆپ كۈچ چىقارغانلىقىغا يۇقىرى باھا بەرمەكتە.
ئەمدى «نۇر ك ز» تور بېتىدە تونۇلغان قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس دوست كۆشىمنىڭ مەزكۇر ۋەزىيەتكە بەرگەن باھاسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن: «كەرىم مەسىموفنى، راست، قازاق پۇقرالىرىنىڭ كۆپچىلىكى ياقتۇرمىدى. بۇ ياقتۇرماسلىق مەسىموفنىڭ كېلىپ چىققان تېگىگە مۇناسىۋەتلىك بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. مەلۇم نەرسە، ئۇ ھاكىمىيەتتە بولغان ۋاقتىدا قازاق تىلى بىلەن ئومۇمەن مىللىي مەسىلىلەرگە سالقىن قارىدى.» سىياسەتشۇناس دوست ك. مەسىموفنىڭ يېڭى لاۋازىمغا سايلىنىشى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىي ئىدېئولوگىيە بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ھەم ئوڭاي ۋەزىپە ئەمەسلىكىنى، بۇ يېڭى ئورۇن ئالماشتۇرۇشلاردىن ھېچ نەرسىنى كۈتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«تېنگرى نيۇس» ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ مەسلىھەتچىسى يېرمۇخامېت يېرتىسبايېف بولسا ك.مەسىموفنىڭ يېڭى لاۋازىمدا دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئۈستىدىن بولغان نازارەتنى كۈچەيتەلەيدىغانلىقىغا كۆز يەتكۈزگەن.