«قازاقىستان تودېي» ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، مەركىزى سايلام كومىسسىيىسىنىڭ رەئىسى قۇئاندىق تۇرغانقۇلوف «نۇر ئوتۇن» خەلق دېموكراتىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ سايلىغۇچىلار ئاۋازلىرىنىڭ 95،5 پىرسەنتىنى يىغقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
باشقا نامزاتلاردىن قازاقىستان كوممۇنىستىك خەلق پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ كاتىپى جامبۇل ئاخمېتبېكوف 1،4، «تابىغات» ئېكولوگىيىلىك ھەرىكىتىنىڭ لىدىرى مېلس ئېلېئۇسىزوف 1،2، قازاقىستان ۋەتەنپەرۋەرلىرى پارتىيىسى نامىدىن سېناتور غېنى قاسىموف بولسا 1،9 پىرسەنت ئاۋازغا ئىگە بولغان. ك. تۇرغانقۇلوفنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھازىرچە ئېلىنغان دەسلەپكى مەلۇماتلار بولۇپ، سايلامنىڭ ئاخىرقى نەتىجىلىرى يەتتە كۈن مابەينىدە، يەنى مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە ئېلان قىلىنماقچى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالماتا شەھىرى ئاھالىسى، ئۇستاز ۋېنېرا قاسىموۋا سايلام ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئىزھار قىلدى.