قازاقىستاندا تېررورچىلىق خەۋپىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ئىقرار قىلىنماقتا
2012.10.04
بېزىلەر بۇنى نەق «تېررورلۇق ھەرىكەت» دەپ ھېسابلىسا، بېزىلەر بۇلارنىڭ بارلىقىنىڭ تېررورچىلىق بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئېنىقىنى ئېيتقاندا، ئۇلار قازاقىستاندا تېررورچىلىق بارمۇ دېگەن مەسىلىنى ئېنىقلاشقا تىرىشماقتا.
«سېنتىر ئاسىيا» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ليۇدمىلا پىسكورسكايانىڭ «قازاقىستانچە تېررورچىلىقنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكلىرى-خەلىپە سولداتلىرى ۋە باشقىلار...» ناملىق ماقالىسىدە تونۇلغان سىياسەتشۇناس يېرلان كارىنغا مۇراجىئەت قىلغىنىدا، ئۇ مۇنداق دېگەن:
-مېنىڭچە، مەملىكەتتە دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورچىلىق بارمۇ دېگەن تېمىدا بەس-مۇنازىرە قىلىش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ. شەھەرلىك پولىتسىيە باشقارمىسىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ، ھە، بىز بولساق تېخىچىلا بۇ نېمە دېگەن سوئالنى بېرىۋاتىمىز. ئەلۋەتتە، سىياسىي ھاياتنىڭ ئامىلى سۈپىتىدە تېررورچىلىق يوق، ھازىرچە ئۇنىڭ كۆرۈنۈشىنىڭ ئېنىق، ئۇيۇشمىلىق شەكلىمۇ يوق، ئەمما تېررورچىلىق خەۋپى بار، بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك كىم ۋە نېمە دېسىمۇ، ئۇ كۈنساناپ ئۆسمەكتە. ئۇنداق بولمىسا، نېمە سەۋەبتىن ئاخىرقى بەش يىل ئىچىدە «تېررورچىلىق» ماددىسى بويىچە «تېررورلۇق توپلارنى قۇرغانلىقى ۋە تەشكىللىگەنلىكى ئۈچۈن»، «تېررورچىلىقنى تەشۋىق قىلغانلىقى ئۈچۈن»، «تېررورلۇق ھەرىكەتلەرنى پىلانلىغانلىقى ئۈچۈن» دېگەن ئىپادىلەشلەر بىلەن ئونلىغان ئادەم جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلدى؟ پەقەت 2012-يىلنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىلا بۇ ماددىلار بويىچە ئەللىكتىن ئوشۇق ئادەم سوتقا تارتىلدى! شۇڭلاشقا، تېررورچىلىق بىلەن كۈرەش ئېلىپ بېرىلىۋاتقىنىغا قارىماي، ۋەزىيەت كەسكىنلەشمەكتە. يېقىندا ئاتىراۋدا پولىتسىيىگە قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇم بۇنىڭغا دەلىل بولالايدۇ.
ي.كارىن قانداقلا بولسۇن ۋەقەنى «تېررورلۇق ھەرىكەت» دەپ ئاتاۋېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى، مۇنداق ئىپادىلەشلەردە پەخەس بولۇش كېرەكلىكىنى، ئۇزاق ۋاقىت مابەينىدە ئۆز كەسىپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ مەسىلە ئۈستىدە شۇغۇللىنىپ، دائىم قازاقىستان ئۈچۈن تېررورچىلىق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك خەۋپىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، ئەمدى، ئەكسىچە، مۇنداق خەۋپنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ھەم بۇ مەسىلە ئەتراپىدا قاتتىق ئىشلەش لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
قازاقىستاننىڭ ك ت ك تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مۇخبىرى ئالېكساندىر ترۇخاچيېۋ «ئاتىراۋ ئوبلاستىدا ئۈچ مۇستەقىل تېررورلۇق گۇرۇپپا ھەرىكەت قىلغان» ناملىق ماقالىسىدە مەخسۇس ئورگانلارنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلىنىپ، بۇ رايوندا ھەرىكەت قىلغان توپلارنىڭ ھەر قايسىغا چەت ئەللەردىن رەھبەرلىك قىلىنغانلىقىنى، بۇ جەرياندا ئۇلارنى بىۋاسىتە ئاتىراۋ ئوبلاستى تۇرغۇنلىرىنىڭ باشقۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
قازاقىستاندا دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ تارقىلىۋاتقانلىقىنى «ۋرېميا» گېزىتىدە بېسىلغان «تاكفىرلارنىڭ قانلىق ئىزى. ئىلى-ئالاتاۋ مىللىي پاركىدىكى ئاممىۋى قىرغىنچىلىقنىڭ يېڭى تەپسىلاتلىرى» ناملىق ماقالىمۇ دەلىللەيدۇ. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر پاركتا يۈز بەرگەن ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك گۇرۇپپىلىرى تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى مەملىكەتنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېتىراپ قىلغان. پولىتسىيە ئىدارىسى ۋەكىللىرى يەرلىك ئاھالىنى مەزكۇر ئادەم ئۆلتۈرگۈچىلەرنىڭ قوراللانغانلىقى ۋە ئىنتايىن خەتەرلىكلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان بولۇپ، تېررورچىلارنىڭ ئالماتا ئوبلاستى قاراساي ناھىيىسىنىڭ تائۇسامالى مەھەللىسىگە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، ئۇ يەردە يۈز بەرگەن پارتلاشتا بىر قانچە ئايال كىشى ۋە بالىلارنىڭ قۇربان بولغانلىقىنى، ئاندىن تېررورچىلارنىڭ ئىلى-ئالاتاۋ پاركىغا كېلىپ ئورۇنلاشقانلىقىنى خەۋەرلىگەن. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇلار مەزكۇر رايوندا 12 ئادەمنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن پولىتسىيە ئۇلارنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ، ئۇلار ماكانلىغان جاينى قورشاپ ھۇجۇم قىلغان. نەتىجىدە 13 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلغان، بىر مەخسۇس ئەترەت جەڭچىسى بولسا يارىلانغان. ھازىر بۇ ئىشقا ئالاقىسى بار يەنە ئىككى كىشى ئىزدەشتۈرۈلمەكتە ئىكەن. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئانالىزچىلار مەزكۇر تېررورچىلارنىڭ مەخسۇس تەييارلىقتىن ئۆتمىگەنلىكىنى، ھەربىي تەييارلىقنىڭ ئادەتتىكى قائىدىلىرىنى بىلمىگەنلىكتىن پارتلىغۇچ ماددىلارنى تەييارلاش مەزگىلىدە تۇيۇقسىز پارتلاش يۈز بېرىپ، بىر نەچچە كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ماقالىدە شۇنداقلا مەملىكەتتىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۆز ۋاقتىدا چارىلەر قوللانمىغانلىقتىن، ئاخىرقى بىر يىل ئىچىدىلا يۈزدىن ئوشۇق جىنايەت يۈز بەرگەنلىكى ھەم ئۇلارنىڭ تېررورچىلىق بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ئىقرار قىلىنغان.