قازاقىستان ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىغا بىر نەزەر

قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن ئۇيغۇر مەتبۇئاتى باشقا ساھەلەرگە ئوخشاش خىراجەت كەمچىللىكىنى باشتىن كەچۈرۈشكە باشلىدى.

0:00 / 0:00

ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەمىنلىنىدىغان بىر قاتار گېزىت-ژۇرناللار يېپىلىپ كەتسىمۇ، ئامما شۇنىڭغا قارىماي شەخسىي ھامىيلارنىڭ، ئۇيغۇر جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىقتىسادى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى ئارقىسىدا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز ئىشىنى مۇستەقىل ھالدا يەنىمۇ داۋام قىلماقتا ھەم بۇ جەرياندا يەنە بىر تالاي ئىقتىسادى قىيىنچىلىقلارغىمۇ دۇچ كەلمەكتە.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تونۇلغان ژۇرنالىست پەيزۇللام ئاكا ئەخمەتوف ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنىڭ بەزى مەسىلىلىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.