قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىجتىمايى-ئاممىۋى تەشكىلاتى-«ئىنايەت ئىتتىپاقى» ئۆز پائالىيەتلىرىنى باشلىدى

يېقىندا «ئىنايەت ئىتتىپاقى» دەپ ئاتالغان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى جانلاندۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىجتىمائىي ئاممىۋى تەشكىلاتى قۇرۇلۇپ ئۆز پائالىيەتلىرىنى ئاكتىپ باشلىدى.

0:00 / 0:00

ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى يېقىندا ياركەنت شەھىرىدە قازاقىستاندا تونۇلغان بىر قىسىم ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى بىلەن يەرلىك زىيالىيلار ۋە ئاممىنى ئۇچراشتۇرۇپ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش بولدى. مەزكۇر تەشكىلات يەنە 20-ئەسىردىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئالىملىرىدىن ئايشەم شەمىيېۋا ۋە قادىر ھەسەنوفلارنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن ئىدى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.