قازاقىستاننىڭ جانائوزېن شەھىرىدە ئېغىر توقۇنۇش يۈز بەردى

«قازئاخبارات» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، 16-دېكابىر كۈنى قازاقىستاننىڭ ماڭغىستاۋ ۋىلايىتىگە قاراشلىق جانائوزېن شەھىرىنىڭ «مۇستەقىللىق» مەيدانىدا قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 20 يىللىق مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈش پەيتىدە توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

0:00 / 0:00

قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى باش پروكۇراتۇرىسىنىڭ رەسمىي ۋەكىلى مەزكۇر ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن سۆزگە چىقىپ، بۇ تەرتىپسىزلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر گۇرۇپپا ياش لۆكچەكلەر ۋە ئۇلارنىڭ تەسىرى ئاستىغا كىرىپ قالغان ئىلگىرى ئىشتىن بوشىتىلغان نېفىت ئىشچىلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى، بايراملىق تەنتەنىگە كەلگەن تىنچ ئاھالىنىڭ ئۇلار تەرىپىدىن بېسىمغا ئۇچرىغانلىقىنى، پوپوزا قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن: «شۇ پەيتتە مەيداندا 800 گە يېقىن تاجاۋۇزچى ھالىتىگە كىرگەن شەخسلەر بىلەن 120 ئەتراپىدا قوراللانمىغان ساقچى خادىملىرى بولغان. قورال پەقەت ئۇلارنىڭ كوماندىرىدا بولغان. بايرام بىخەتەرلىكىنى تەمىنلەش مەقسىتىدە ساقچى خادىملىرى تەرىپىدىن مەيداننى قورشاش چارىلىرى قىلىنغان ئىدى. بۇ جەرياندا لۆكچەكلەر گۇرۇپپىسىدا بايقالغان قانۇنغا قارشى تۇرۇش ۋە ئىغۋاگەرچىلىك كەيپىياتىغا قارىماستىن، ساقچىلار ھېچقانداق مەجبۇرلاش چارىلىرىنى قوللانمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەھۋال ئەمەلىي تۈردە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغاندا، 11 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەن ۋاقىتتا لۆكچەكلەرنىڭ بىرى ساقچى خادىملىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ جەمئىيەتلىك تەرتىپنى ساقلاش قانۇنىي تەلەپلىرىنى رەت قىلغان ھالدا، نەرسە - كېرەكلەر، يېمەك-ئىچمەك ۋە بايراملىق زىياپەت نېمەتلىرىنى باسقان ئاۋتوموبىلنى چاققان. ساقچىلارنىڭ تەرتىپ بۇزغۇچى ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇرۇنۇشى توقۇنۇشۇش ھەرىكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، لۆكچەكلەر دەررۇ ئۇنىڭدىن پايدىلانغان. ئۇلار ئىش تاشلىغۇچىلارنىمۇ توقۇنۇش ئۈچۈن كۈشكۈرتۈپ، ساقچى قورشاۋىنى بۇزۇپ ئۆتكەن.» پروكۇراتۇرا ۋەكىلى لۆكچەكلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ساقچى خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، يېڭى يىللىق ئارچىنى دۈم كۆمتۈرگەنلىكىنى، تىزىلغان قارا ئۆيلەرنى ۋە سەھنىنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقىنى ۋە ساقچى ئاۋتوموبىلىنى كۆيدۈرۈۋەتكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا تىنچ ئاھالىنى ئۇرۇپ، مەيدان ئەتراپىدىكى ئاپتوموبىللارنى ئۇرۇپ-چاققانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ شۇنداقلا، بىر نەچچە ساقچى خادىمىنىڭ يارىدار بولۇشىغا قارىماي، قورال ۋە مەخسۇس ۋاسىتىلەرنى قوللانمىغانلىقىنى، تەرتىپ ساقلىغۇچىلارنىڭ قانلىق توقۇنۇشلارغا ۋە ئورۇنسىز قۇربانلارغا يول قويماسلىق مەقسىتىدە شەھەر ئىچكى ئىشلار باشقارمىسى تۇرغان يەرگە چېكىنگەنلىكىنى، پەقەت ھاۋاغا ئوق ئېتىش بىلەنلا چەكلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە پەيدا بولغان بەزى ساختا خەۋەرلەرنى يوققا چىقىرىپ، تەرتىپ بۇزغۇچىلارنىڭ «ئوزېنمۇنايگاز» كومپانىيىسى، «ئارۇ-ئانا» مېھمانخانىسى، جانائوزېن شەھەرلىك ھاكىم بىناسى، دۇكانلار، بانكىلار بولۇپ بارلىقى 46 جاينى بۇلاپ-تالىغانلىقىنى ۋە كۆيدۈرۈۋەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ھەم تىنچ ئاھالىنىڭ، شۇ جۈملىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ساقچى خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش شۇنداقلا قورالنىڭ لۆكچەكلەر قولىغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە، ساقچىلارنىڭ قورال ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتقان.

تەرتىپ ساقلاش ئورۇنلىرى قوشۇمچە كۈچلەرنى يۆتكەپ، شەھەردىكى ئەھۋالنى ئۆز نازارىتى ئاستىغا ئالغان ۋە مەزكۇر تەرتىپسىزلىكلەرنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنى ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقۇچىلارنى تۇتقۇن قىلغان. ئاگېنتلىق 17-دېكابىر كۈنى مەملىكەت پرېزىدېنتى تەرىپىدىن جانائوزېن شەھىرىدە پەۋقۇلئاددە جىددىي ھالەت ئورنىتىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

«قازاقىستان تۇدېي» ئاگېنتلىقى مەلۇماتلىرى بويىچە، 17 دېكابىر كۈنى ماڭغىستاۋ ۋىلايىتىنىڭ شېتپې ئىستانسىيىسىدە بىر گۇرۇپپا شەخسلەر تەرىپىدىن ماڭغىشلاق-ئاقتوبې يولۇۋچىلار پويىزىنىڭ قاتنىشى توسۇۋېلىنغان. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە قاتناش ئىشىنىڭ نورمال يۈرگۈزۈلۈشىگە زىيان يەتكۈزۈلگەن. يولنى توسۇۋالغانلار بولسا ساقچىلارنىڭ يولنى بوشىتىش ھەققىدىكى بىر نەچچە تەلەپلىرىنى رەت قىلغان. ئاگېنتلىق باش پروكۇراتۇرا ۋەكىلىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلىنىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى، ئاقساقاللار ۋە كۆپ بالىلىق ئانىلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا بىر توپ كىشىلەر ئۆز ئۆيلىرىگە قايتقان بولسىمۇ، ئەمما 50 كە يېقىن لۆكچەكنىڭ ھەم قوشنا يېزىدىن كەلگەن 200 گە يېقىن ئادەمنىڭ يېقىلغۇ قاچىلانغان بوتۇلكا، تاش ۋە باشقىلار بىلەن قوراللىنىپ، ساقچى خادىملىرىنى قورشاۋغا ئالغانلىقىنى، ھەمدە نومۇر بەلگىسى يوق بىر ئاپتوموبىلدا قورال كەلتۈرۈلۈپ، لۆكچەكلەر گۇرۇپپىسى بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا ھەقىقىي ئوق ئېتىشىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.
پروكۇراتۇرا ۋەكىلى جانائوزېن ۋە شېتپېدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر نەتىجىسىدە بىر نەچچە ساقچى خادىمىنىڭ ۋە قارشى تەرەپتىكىلەرنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى، بۇنىڭدىن تاشقىرى تاۋار پويىزلىرىنىڭ ۋە قاتناش يوللىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى، يۈزدىن ئوشۇق ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، 14 ئادەمنىڭ قۇربان بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىنتېرفاكس ئاگېنتلىقى مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھازىرقى رەئىسى، لىتۋا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئائۇدرونيۇس ئاجۇبالىس جانائوزېندا يۈز بەرگەن قاتتىق توقۇنۇشلاردىن، يەنى ئۆلۈم ۋەقەلىرىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە قازاقىستان ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇققا ئەمەل قىلغان ھالدا تەرگەۋ يۈرگۈزۈشكە چاقىرغان. خەۋەرلەردە شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسان ھوقۇقى كومىتېتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جانائوزېن ۋەقەلىرىدىن تەشۋىشلىنىۋاتقانلىقى، مەزكۇر توقۇنۇشنىڭ تېز ئارىدا تەكشۈرۈلۈشىگە ھەم بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاشتا ھەددىدىن تاشقىرى كۈچ ئىشلەتمەسلىكىنى، مەسىلىلەرنىڭ تىنچ يولدا ھەل بولىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېيتىلغان.