ئۇلار ئەزەلدىن تىرىشچان ۋە ئىشچان بىر مىللەت بولغانلىقتىن، بارغانكى جايدا تۇرمۇشىنى ياخشى يولغا سالالىغان ۋە باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتەلىگەن ئىكەن. سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىپ يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ سانلىقى مەككە ۋە مەدىنە قاتارلىق مۇقەددەس شەھەرلەرگە يەرلەشكەن بولسىمۇ، تائىف، جىددە، دەممام، رىياد، ئاباھا قاتارلىق جايلىرىدا يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارمۇ ئاز ئەمەس. ئۇلار ئۆزلىرى يەرلىشىپ قالغان جايلاردا قىلىپ ئۆتكەن ياخشى ئىشلىرى ۋە قالدۇرغان ياخشى تەسىراتلىرى تۈپەيلى كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلگەن ئىكەن. قەشقەرلىك قۇتلۇق ھاجىممۇ شۇلاردىن بىرىدۇر.
قۇتلۇق ھاجىم سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدە قەشقەر نامىدىن ئۆزى مۇستەقىل مەسچىت سېلىپ، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر شۇ مەسچىتنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ئۆتكەن ۋە مۇسۇلمان جامائەتچىلىكىنىڭ كاتتا ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان شەخس. ھازىر قۇتلۇق ھاجىم سالغان بۇ مەسچىت ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قەشقەر شەھىرىنى يادلىتىپ تۇرماقتا.
قۇتلۇق ھاجىم توغرىلىق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن قۇتلۇق ھاجىم سالغان مەسچىتنىڭ جامائىتى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ پېشقەدەم دىكتورلىرىدىن ئەللامە ئابدۇلمەننان ھاجىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان ئىدۇق.
ئەللامە ئابدۇلمەننان ھاجىم بىلەن سۆھبەت
ئەللامە ئابدۇلمەننان ھاجىم قۇتلۇق ھاجىم توغرىلىق مۇنداق دېدى: «قۇتلۇق ھاجىم جىددە شەھىرىنىڭ بۇخارىيە مەھەللىسىدىكى قەشقەر مەسچىتىنى ئۆز خىراجىتى بىلەن بىنا قىلغان ۋە ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر بۇ مەسچىتنىڭ مەزىنلىكىنى قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا مەسچىتنىڭ بارلىق چىقىملىرىنى ئۆزى قىلاتتى، بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئۆزى رېمونت قىلاتتى. ئۆز ۋاقتىدا «قەشقەر مەسچىتى» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن بۇ مەسچىتنىڭ نامى كېيىنچە «بۇخارى مەسچىتى» گە ئۆزگەرتىلگەن. ھازىر بۇ مەسچىتتىن ئومۇمىي مۇسۇلمان جامائەت ياخشى پايدىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ، خۇسۇسەن ئۆزبېكلەر كۆپرەك ناماز ئوقۇيدۇ بۇ مەسچىتتە. ھەتتا نەزىر-چىراغلىرىنى ۋە خەتمە قۇرئانلىرىنىمۇ مۇشۇ مەسچىتتە ئۆتكۈزىدۇ. مەھەللە جامائىتى قۇتلۇق ھاجىمنى ئېسىدىن چىقارمىغان بولۇپ، ھەر بىر مۇناسىۋەتتە ئۇلار قۇتلۇق ھاجىمنى تىلىغا ئالىدۇ ۋە ماختايدۇ.»
ئەللامە ئابدۇلمەننان ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، جىددە شەھىرىنىڭ بۇخارىيە مەھەللىسى ئۆز ۋاقتىدا يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۆزبېكلەرنىڭ نامىدا ئاتالغان بولۇپ، ئىلگىرى جىددە تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى بۇ مەھەللىدە ياشايدىكەن. كېيىنچە، ئۇلار كۈندىن - كۈنگە بېيىپ تۇرمۇشى ئالاھىدە ياخشىلانغاندىن كېيىن، جىددە شەھىرىنىڭ يېڭى مەھەللىلىرىگە ئۆي سېلىپ كۆچۈپ كەتكەن ۋە پۇخارىيە مەھەللىسى ئۆزبېكلەرگە قالغان ئىكەن.