ئەسقەرجان ئەپەندى ياپونىيە زىيارىتىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى

گوللاندىيىگە خىزمەت سەۋەبى بىلەن قەدەم تەشرىپ قىلغان ئەسقەرجان ئەپەندى بۇ يىل ماي ياپونىيىدە ئېچىلغان 4‏-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن ئالغان تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ بەردى.

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4‏-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا گېرمانىيىدىن بارغان ئەسقەرجان ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سىياسىي ۋە تاشقى ئىشلار بويىچە مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، گوللاندىيىگە خىزمەت سەۋەبى بىلەن قەدەم تەشرىپ قىلغان ئىدى. شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئەسقەر ئەپەندى بىلەن بۇ قېتىمقى يېغىندىن ئالغان تەسىراتلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان ئىدۇق.

د ئۇ ق نىڭ سىياسىي ۋە تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مەسئۇلى ئەسقەرجان ئەپەندى، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ياپونىيىدە ئېچىلىشى، ياپون خەلقىنىڭ، ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە مەتبۇئاتلىرىنىڭ پوزىتسىيىلىرى، نامايىش ۋە قوشۇمچە زىيارەتلىرى مەزمۇن قىلىنغان پائالىيەتلەردە ئالغان ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئاڭلاتتى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.