رامىز ئەسكەر ئەپەندى ئەزەربەيجاندا كۆزگە كۆرۈنگەن تىل تەتقىقاتچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ تۈرك دۇنياسىدىكى ئەسەرلەرگە ئائىت يازغان نۇرغۇن كىتابلىرى نەشر قىلىنغان. رامىز ئەسكەر ئەپەندى 2006-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياغا مەشھۇر ئالىمى، تىلشۇناس مەھمۇت قەشقىرى يازغان تۈركىي تىللار دىۋانىنى تۇنجى قېتىم ئەزەرىچىگە تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان. ئۇ 2008-يىلى مەھمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقىغا سوۋغا سۈپىتىدە بۇ قىممەتلىك ئەسەرنى رۇسچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرۇپ، بۇ جەھەتتىكى يەنە بىر بوشلۇقنى تولدۇرغان ئىدى. ئۇ يېقىندا ئامېرىكىدىكى زىيارىتى جەريانىدا بىزنىڭ رادىئومىزنى ئالاھىدە زىيارەت قىلىپ، بىز بىلەن سۆھبەتتە بولدى. ئۇ سۆھبىتىمىز جەريانىدا ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە تۈرك دۇنياسىدىكى ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ خەلقلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئەزەرىچىگە تەرجىمە قىلىپ، نەشر قىلدۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئەزەربەيجاندىكى تۈركىي تىللار ساھەسىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە بىلىم ئادەملىرىنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن مەنبە يېتىشمەسلىكتەك ئەھۋالغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانىنى ئەزەرىچىگە تەرجىمە قىلىش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-مەن 1994-يىلىدا يۈسۈپ بالاساغۇننىڭ قۇتادغۇبىلىك كىتابىنى ئەزەرىچىگە تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇردۇم. مەن ئۆزۈمنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانى ماقالەمنىمۇ مانا بۇ ئەسەر ئۈستىدە يازدىم ۋە قۇتادغۇبىلىكنىڭ گرامماتىكىسى ھەققىدىمۇ بىر قانچە پارچە كىتاب ئېلان قىلدىم. كېيىن مەن تۈركىي تىللار دىۋانىنى ئەزەرىچىگە تەرجىمە قىلىشنى ئويلىدىم. چۈنكى تۈرك دۇنياسىغا ئائىت بۇنداق بىر قىممەتلىك ئەسەرنىڭ ئەزەرىچىگە تەرجىمە قىلىنماسلىقى بۇ بىز ئۈچۈن زور بىر ئەيىب، ئەدەبىي بىر ئەيىب ئىدى. شۇڭا مەن بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن 20 يىل ۋاقتىمنى سەرپ قىلىپ، 2006-يىلى ئاخىرى بۇ كىتابنى نەشر قىلدۇردۇم. كېيىن بۇ ئەسەرنى رۇسچىغىمۇ تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇردۇم.
رامىز ئەسكەر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا ئائىت بولغان يەنە بىر قىممەتلىك ئەسەر بولغان «ئالتۇن يارۇق» نى ئەزەرىچىگە تەرجىمە قىلىشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، بىز ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن ئالتۇن يارۇقنى تەرجىمە قىلىشنى ئويلىشىپ قالدىڭىز، دەپ سورىغىنىمىزدا ئۇ بىزگە مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:
-ئالتۇن يارۇق ناھايىتى مۇھىم بىر ئەسەر. بېزىلەر بەلكىم ئۇنى بۇددىزمغا ئائىت بىر كىتاب دەپ ئۇنىڭغا باشقىچە كۆز قاراشتا بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇنىڭدا مۇھىم بولغىنى، بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا بولۇشى. بىز ئۇ كىتابتىن مىڭلارچە يىل ئىلگىرى ئۇيغۇرچىدا قانداق ئىسىم ۋە پېئىللارنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى، گرامماتىكىسىنىڭ قانداقلىقىنى بىلەلەيمىز. ھەر بىر تىلنىڭ تارىخى گرامماتىكىسى بولىدۇ. مەسىلەن، بىر ئىسىمنىڭ قايسى مەزگىلدە قانداق ئىشلىتىلگەنلىكى، قانداق جايلاردا ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلىش تىل تەتقىقاتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا بۇ جەھەتتىن ئالتۇن يارۇق ئىنتايىن مۇھىم بىر ئەسەر. ئۇنىڭ مەزمۇنىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ئەمەس، ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم.
رامىز ئەسكەر ئەپەندى يېقىندا تۈركمەن شېئىرلىرى ئانترولوگىيىسى، ئۆزبېك ھازىرقى زامان شېئىرلىرى ئانترولوگىيىلىرىنى نەشر قىلدۇرغان بولۇپ، ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ شېئىرىيەتچىلىكىگە ئائىت بىر ئانترولوگىيە نەشر قىلدۇرۇشنىمۇ پىلان قىلىۋاتقان ئىكەن. ئۇ تۈرك دۇنياسىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى بۇنداق تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرۇشنىڭ بۇ قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ بىر-بىرىنى تونۇشى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:
-تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بىلىم ئادەملىرى، سەنئەتچىلىرى، تارىخچىلىرى باشچى بولۇپ بۇ مىللەتلەرنى بىر-بىرى بىلەن ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى كېرەك. بۇنداق قىلىش ئۈچۈن بۇ زىيالىيلار ئالدى بىلەن ئۆزلىرى شۇ قېرىنداش مىللەتلەرنى تونۇشى، ئۇلارنى بىلىشى ۋە ئۇلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىشى كېرەك. ئاندىن بۇنى ئاۋام خەلققە يېيىشى كېرەك. بىز ھەممىمىز قېرىنداش خەلق، ھەممىمىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بىر. شۇڭا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ قېرىنداشلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىز زىيالىيلار خىزمەت قىلىشىمىز كېرەك.
رامىز ئەسكەر ئەپەندى سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان باشقا مىللەتلەرنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاسىتىدا ياشاپ كەلگەن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بىر قىسمى مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش يەنە بىر قىسىملىرىنىڭ مۇستەقىللىققە تېخى ئېرىشەلمىگەنلىكى، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇسىنىڭ چوقۇم بىر كۈنى ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا سالامەتلىك، بەخىت-سائادەت تىلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.