رۇسىيىلىك تارىخچى ئالېكساندىر قادىربايېف ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالدى (1)
2013.01.10
ئالەمگە تونۇلغان لېف گۇمىليېف، سېرگېي كلياشتورنىي، لېئونىد قىزلاسوف، ئاناتولىي مالياۋكىن، دىمىترىي تىخونوف، ليۇدمىلا چۋىر ۋە باشقىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش سوۋېت ۋە رۇسىيە تارىخچى ئالىملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل دەۋرلەردىكى تارىخى ھەم مەدەنىيىتىگە ئائىت باي مەلۇماتلارغا ئىگە ئەمگەكلەرنى نەشر قىلىپ كەلدى. كېيىنكى ئەۋلاد تەتقىقاتچىلار ئىچىدىن رۇسىيە ۋە مەركىزىي ئاسىيادا تونۇلغان تارىخچى ھەم شەرقشۇناس ئالىم ئالېكساندىر قادىربايېفمۇ ئۆز تەتقىقاتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان ئىدى.
تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالېكساندىر قادىربايېف ھازىر رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ يېتەكچى ئىلمىي خادىمى بولۇپ ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر قاتار دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتلىرى، ئالىي ئىقتىساد مەكتەپلىرى ھەم مىخايىل لومونوسوف نامىدىكى موسكۋا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، شۇنداقلا رۇسىيە دۆلەت كىتابخانىسى شەرق ئەدەبىياتى مەركىزىنىڭ چوڭ ئىلمىي خادىملىق ۋەزىپىلەرنىمۇ ئاتقۇرماقتا.
ئا. قادىربايېف «ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇرلار، جالايىرلار، نايمانلار ۋە كىرېيىتلىرىنىڭ تارىخى ئوچېركلىرى»، «ئۇلۇغ دالانىڭ ئۇ چېتىدە» قاتارلىق 20 مونوگرافىيە، كىتابچە ۋە دەرسلىكلەرنىڭ ئاپتورى. ئۇ يەنە 100 دىن ئوشۇق ئىلمىي ۋە ئىلمىي-ئاممىباپ ماقالىلەرنىڭ ئاپتورى.
ئا. قادىربايېۋ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالدى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.