خىتاينىڭ چاغان بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىدە ئۇيغۇرلارغا سەھنە بېرىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە چاغان بەيرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىدە شىنجاڭ ناخشا ئۇسۇل ئۆمىكى ئارتىسلىرى بىلەن بىرگە دولان مەشرىپىنى ئورۇنلىماقچى.

0:00 / 0:00

ئۆزىنىڭ پىكرى چوڭقۇر، ھېسسىياتقا باي، لىرىك ناخشىلىرى، تەسىر كۈچىگە ئىگە ئۆزگىچە ياڭراق ئاۋازى، ۋايىغا يەتكەن ئورۇنلاش ماھارىتى ۋە تالانتى بىلەن ئۇيغۇر خەلقنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان داڭلىق ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان چاغان بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىدە نومۇر ئورۇنلاشقا تەكلىپ قىلىنغان.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئابدۇللا سەھنىدە "شىنجاڭ ناخشا ئۇسۇل ئۆمىكى ئارتىسلىرى بىلەن بىرگە "دولان مەشرىپىنى" ئورۇنلىماقچى ئىكەن. مەزكۇر خەۋەر ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە تۈرلۈك مۇلاھىزىلەرگە مەيدان ھازىرلىغان. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ، ئۇيغۇر تىل ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىش سىياسىتىنى كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئابدۇللاغا ئەڭ چوڭ تەشۋىقات سەھنىسىدىن ئورۇن بېرىشنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە رادىئومىزدا كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

"تەڭرىتاغ" تورىنىڭ 12-يانۋار خەۋىرىگە قارىغاندا، "ئۇيغۇر رايونى ناخشا شاھى، غەربىي دىيار ناخشا ئىلاھى" دېگەندەك شۆھرەتكە ئىگە ياش ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيىسىنىڭ "2011- يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى" دە نومۇر ئورۇنلاشقا تەكلىپ قىلىنغان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ سەھنىدە "دولان مەشرىپى" نى ئېيتىدىغان بولۇپ، رەپىتىسكە قاتنىشىش ئۈچۈن مۇشۇ ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىقىدىكەن.

دولان مەشرەپلىرىنىڭ قۇچىقى بولغان قەشقەر مارالبېشى ناھىيىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، خۇرۇچىدىن سەنئەتكە ئىشتىياقى بار خەلقنىڭ پەرزەنتى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم 1990-يىللاردىن باشلاپ كۆزگە كۆرۈنگەن تالانتلىق ئۇيغۇر سەنئەتكارى. 1991-يىلى شىنجاڭ سەنئەت مەكتىپى ئاكتىيورلۇق كەسپىنى تاماملاپ، شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە، ئۇ ئورۇنلىغان ئۇيغۇر كلاسسىك ناخشىلىرى، مۇقام ۋە دراما-ئىتوت نومۇرلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىگە ئېستېتىك زوق بېغىشلاپ كەلمەكتە. بۇ تالانت ئىگىسىنىڭ ھازىرغىچە 20 دىن ئارتۇق يالغۇز ناخشا پلاستىنكا ۋە ۋ چ دلىرى خەلق ئىچىگە كەڭ تارقالغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ "مۇئەللىم"، "كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن ۋەتەن"، "ئايرىلىش"، "سېغىنىش كۈيلىرى" قاتارلىق ئاممىباب ناخشىلىرى ۋە يەنە ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلىغان مۇقاملىرى تاماشىبىنلار ئارىسىدا زور تەسىر قوزغاپ، ئابدۇللانىڭ شۆھرىتىنى كۆتۈردى.

ئويۇن قويۇپ بارغان دۆلەت ۋە رايونلاردا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سەنئىتىنى، مەدەنىيىتىنى باشقا ئەل ۋە خەلقلەرگە تونۇتۇپلا قالماي، ئۆزىنىڭمۇ تالانتىنى نامايان قىلىپ ياخشى باھالارغا ۋە ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشىپ كەلگەن. ئۇ يەنە ھازىر تىرىشىۋاتقان ياش كومپوزىتورلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن نۇرغۇن ياخشى مۇزىكا ئەسەرلىرىنىمۇ ئىشلىگەن.

بۇ قېتىم ئۇنىڭ خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ تەشۋىقات سەھنىسى بولغان مەركىزى تېلېۋىزىيىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە نومۇر ئورۇنلاشقا تەكلىپ قىلىنىشى، قارىماققا خىتايدا بىر سەنئەتكارنىڭ كەسپى جەھەتتە ئېتىراپ قىلىنىشىنىڭ ئەڭ چوڭ بەلگىسى ھېسابلانسىمۇ، ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر ناخشىچىغا ئۇيغۇر سەنئىتىگە خىتاينىڭ چاغان سەھنىسىدىن ئورۇن بېرىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن مۇلاھىزە قىلىشقا تېگىشلىك بىر ھادىسە دەپ قارالماقتا. بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېچىلغان ۋە قاتتىق نازارەت ئاستىدىكى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىمۇ بەلگىلىك مۇلاھىزىلەر داۋام قىلماقتا.

ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە بەنزىلەرنىڭ "ئابدۇللانىڭ خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ سەھنىسىگە چىقىشى ئۇنىڭ شۆھرىتى ۋە ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ شۆھرىتى" دەپ قارىغان بولسا، بېزىلەر "بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى دۇنياغا باشقىچە تەشۋىق قىلىشنىڭ بىر ئۇسۇلى" دېگەندەك پىكىرلەرنى بايان قىلغان.

مەزكۇر مەسىلىگە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سەنئەتكار ۋە زىيالىيلار قانداق قارايدۇ؟ ئالدى بىلەن بىز ئىلگىرى ئۇيغۇر سەھنىلىرىدە ئىتوت ۋە كۈلدۈرگىلىرى بىلەن تونۇلغان ھازىر گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئاڭلاپ كۆرەيلى:

بىز بۇ ھەقتە يەنە كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى رۇقىيە تۇردۇش خانىمنىڭ كۆز قاراشلىرىغىمۇ ئورۇن بەردۇق، ئۇ خەلق سۆيگەن ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ ساختا شۆھرەت ئۈچۈن خەلق قەلبىدىكى ئورنىدىن ئايرىلىپ قالماسلىققا چاقىردى.

ھىجرەتتىكى ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىدىن، كانادادا تۇرۇشلۇق شائىر تۇيغۇنجان ئابدۇۋەلى، "خىتاينىڭ ئابدۇللا ئابدۇرېھىمدەك خەلق سۆيگەن ناخشىچىنى ئۆزىنىڭمۇ ئېتىراپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ، دۇنياغا ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەنئىتىگە تۇتۇۋاتقان سىياسىتىنى ئەكسىچە تەشۋىق قىلىپ يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ كۆڭلىنى ئۇتۇشقا ئۇرۇنماقتا". دەيدۇ.

مەركىزى تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر ئىستانسىسىنىڭ مەخسۇس چاغان بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكى 2-فېۋرال كەچتە كۆرسىتىلىدىكەن. ئابدۇللا ئابدۇرېھىم مەزكۇر سەنئەت كېچىلىكىدە نومۇر كۆرسەتكەندىن باشقا، بىر قانچە خىتاي مىنىستىرلىقلىرىنىڭ چاغانلىق سەنئەت پائالىيەتلىرىدە ناخشا ئېيتىدىكەن ۋە 2011-يىللىق سەييارە ئويۇن قويۇش پائالىيىتىنى باشلايدىكەن.