ھىگاشى: بېيجىڭ سېنكاكۇ ئارىلى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئەندىشىدە قالدى

ياپونىيىلىك ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ھىگاشى تارو ياپونىيە يېڭى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «بېيجىڭ سېنكاكۇ ئارىلى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئەندىشىدە قالدى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىنى ياپونىيىدىكى «دۇنياۋى دوستلار كۇلۇبى» دا سۆزلىگەن.

0:00 / 0:00

ھىگاشىنىڭ مەزكۇر ماقالىسىدىن نۇرغۇنلىغان چەتئەللىكلەر، ياپونلار خىتاينىڭ راستىنىلا سېنكاكۇ ئارىلى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت مەزكۇر تېما ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

ھىگاشى تارو ماقالىسىدە سېنكاكۇ ئارىلى ھەققىدە مۇنداق بايان قىلغان:
بەش مىڭ يىللىق يالغان ياۋىداق تارىخنى توقۇپ چىققان خىتايلار، ئەمدىلىكتە يالغان ئىسپاتنامىلەرنى ئويدۇرۇپ ياساپ چىقتى. سېنكاكۇ ئارىلىنى خىتاي تۇپرىقىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دېگەن شوئارنى توۋلاپ، تۈركۈم-تۈركۈملەپ يالغاندىن بېلىقچى قىياپىتىگە كىرىۋالغان خىتاي ئەسكەرلىرىنى، كونا كېمىلەرگە ئولتۇرغۇزۇپ سېنكاكۇ ئارىلىغا ئەۋەتىپ،ياپونىيىگە تەھدىت سالغان ئىدى. ياپونىيىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن 96- قېتىملىق باش ۋەزىرى ئابې ئىككىنچى قېتىم تەختكە ئولتۇرۇش ئالدىدا سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىدە مۇنازىرىگە يول يوق دەپ كېسىپ ئېيتتى. سايلامنىڭ ئالدىدا ياپون خەلقىگە، ئۆز تۇپرىقىمىزنى، ئاراللىرىمىزنى قوغداش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن بۇ باش ۋەزىرنىڭ سۆزىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە دىپلوماتىك سىياسەتتە ئەمەلگە ئېشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمىز.

مەزكۇر دوكلاتقا قاتناشقان توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسپىرانت دوكتورى يامادا خىتاينىڭ سېنكاكۇ ئارىلى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە يولسىزلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

سېنكاكۇ ئارىلى تارىختىن بۇيان ياپونىيىنىڭ ئارىلى، بۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان تارىخىي پاكىت. شەرقىي تۈركىستان بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى، بۈيۈك برىتانىيە شياڭگاڭنى، پورتۇگالىيە ئاۋمېننى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەندەك،خىتاي كومپارتىيىسىمۇ شەرقىي تۈركىستاننى ئۇيغۇرلارغا شەرتسىز قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

ئاپتور ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ياپونىيىدە كۈچلۈك قوللاشقا ئېرىشىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، ياپونىيىنىڭ باش ۋەزىرى شىنزو ئابې باشچىلىقىدا 20012-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى قۇرۇلغانلىقىنى شۇنداقلا شىنزو ئابېنىڭ ياپونىيىدە زىيارەتتە بولغان خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا يۈزمۇ-يۈز تۇرۇپ خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلاردىن توختى تۇنىيازنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش توغرىسىدا ئالاھىدە تەكلىپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئىشلاردىن ياپونىيىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە قانچىلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بولۇۋاتقانلىقىنى سەزگەنلىكىنى، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى»دىن كېيىن توكيو، شاڭخەيدىكى سۆھبەتلەردە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي تەرەپ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بىر قانچە قېتىم سۆزلەشكەنلىكىنى قەيت قىلغان. ئۇندىن باشقا 2012-يىلى 5-ئايدا ياپونىيىدە ئېچىلغان 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا ياپونىيە ھۆكۈمىتى، خەلقىنىڭ يېقىندىن يار يۆلەكتە بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

ئاپتور ماقالىسىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇنداق بايان قىلغان:
1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى سوۋېت، خىتاي ئارىسىدىكى سىياسىي سودىلار بىلەن بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ۋەيران قىلىۋېتىلدى. شىڭ شىسەي شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن سابىت داموللام، خوجا نىياز ھاجى قاتارلىق كىشىلەرنى ئارقا-ئارقىدىن مەخپىي ئۆلتۈرۈپ، بۇ جۇمھۇرىيەتكە چېتىشلىق بولغان بارلىق كىشىلەرنى تۈرمىگە قاماپ ئۇجۇقتۇردى. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەھمۇت مۇھىتى باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم كىشىلىرى ھىندىستان ئارقىلىق ياپونىيىگە كېلىپ، ياپونىيىدىن ئۆزلىرىنىڭ مۇنقەرز بولغان دۆلىتىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالغان ياپونىيىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم بەرگۈدەك ھالىمۇ يوق ئىدى. ياپونىيە مانا شۇ تارىختىكى بېرەلمىگەن ياردىمىنى ئەمدىلىكتە بېرىشى كېرەك. خىتاي ئۇيغۇرلار بىلەن ياپونلارنىڭ بۇ تارىخىي دوستلۇقىنى ئوبدان بىلگەنلىكى ئۈچۈن، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ خەلقئارا سەھنىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ.

ھىگاشى ماقالىسىدە، ئۇيغۇر مەسىلىسى ياپونىيىدە يۇقىرى بالداققا كۆتۈرۈلۈپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل دۆلەت بولۇشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىنىڭ بىرلىشىپ، بىر يەڭدىن باش چىقىرىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بوسۇغىسىدا خىتاي كومپارتىيىسىگە ئاۋارىچىلىك تېرىپ بېرىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

ئاپتور ماقالىسىنى تۆۋەندىكىدەك ئاخىرلاشتۇرغان:
ياپون ھۆكۈمىتى، خەلقىنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتالماي كېلىۋاتقان بىچارە شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارغا قۇچاق ئېچىشى، ئۇيغۇر داۋاسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشىغا سەھنە ھازىرلىشى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللىشى دۇنيا خەلقىنى خۇشال قىلغان بولسا، خىتاي كومپارتىيىسىنى بىئارام قىلماقتا.