قۇرۇلتاي ئىنتايىن داغدۇغىلىق باشلانغان بولۇپ، ساۋاب ۋە شەرەپ جەھەتتە مىڭ ئايدىن ئۇلۇغ بولغان قەدىر كېچىسىنىڭ مەنىۋىيىتى قۇرۇلتايغا باشقىچە مەزمۇن قوشقان. قۇرۇلتاي مەسچىت ھەرەمدە تاراۋىھ نامىزىنىڭ تۈگىشى بىلەن تەڭ كېچە سائەت دەل 12 دە باشلانغان.
قۇرۇلتاي قۇرئان كەرىمىنى تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلانغان بولۇپ، ئېچىلىش نۇتقىنى سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى ئابدۇللا سۆزلىدى. پادىشاھ نۇتقىدا پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى ئارىلىرىدىكى ئىختىلاپلارنى تۈگىتىپ بىرلىك ۋە ئىناقلىققا، رادىكاللىققا قارشى تۇرۇپ ئوتتۇراھاللىققا چاقىردى.
پادىشاھنىڭ نۇتقى
پادىشاھ نۇتقىدا مۇنداق دېدى: قەدىرلىك مېھمانلار! سىلەرنى ئۇلۇغ ھەرەمنىڭ يېنى ۋە ئىسلام دىنىمىز بارلىققا كەلگەن جاي بولغان مۇقەددەس زېمىندا قىزغىن قارشى ئالىمىز. ئىككىنچى ۋەتىنىڭلار بولغان سەئۇدى ئەرەبىستان زېمىنىغا خوش كەپسىلەر.
قەدىرلىك مۇسۇلمانلار! ئىسلام ئۈممىتى بۇ كۈنلەردە ئىختىلاپنىڭ، تەپرىقىچىلىكنىڭ دەردىنى تارتماقتا. مۇشۇ ئۇلۇغ كۈنلەردىمۇ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىممەتلىك قانلىرى ئېقىتىلماقتا. مۇسۇلمانلار خورلانماقتا. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئۆز-ئارا ئىناقسىزلىق، تەپرىقىچىلىك ۋە پىتنىلەر سەۋەب بولماقتا.
ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ چوڭ مۇسىبەتلەرنى يېڭىشنىڭ يولى ئۆز-ئارا ئىناقلىق، يول قويۇش، دىنىمىزغا ۋە مۇسۇلمانلارغا زىيان يەتكۈزمەكچى بولغانلارغا قارشى بىر سەپ بولۇپ تۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. كۈچلۈكلەرلا دەۋر سۈرۈۋاتقان مۇشۇ دەۋردە، ئىسلام ئۈممىتىمىزنىڭ شانلىق تارىخىنى، ئىززەت-ھۆرمىتىنى ۋە ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغدىشىمىز كېرەك. بىز ئادالەتنى بەرپا قىلساق، ھەقسىزلىقنى ۋە زۇلۇمنى يوق قىلالايمىز. ھەر ئىشتا ئوتتۇراھاللىقنى قولغا كەلتۈرسەك، رادىكاللىقنى يوق قىلالايمىز. ئىناقسىزلىقنى يوق قىلساق، بىرلىكىمىزنى، كۈچ-قۇدرىتىمىزنى ۋە ئىرادىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز.
قەدىرلىك مېھمانلار! مەن سىلەرنى مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا چاقىرىمەن. ھەقىقەتنى قوغداش يولىدا مەسئۇلىيەتچان بولايلى. ئاللاھ تائالانىڭ «ئەگەر سىلەر ئاللانىڭ دىنىغا ياردەم قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ياردەم قىلىدۇ ۋە قەدىمىڭلارنى مۇستەھكەم قىلىدۇ» دېگەن سۆزىنى ئۇنتۇمايلى. ئاخىرىدا سىلەرنى بارچە ئىسلام مەزھەپلىرى ئارا سۆھبەت مەركىزى تەسىس قىلىشقا چاقىرىمەن.
«ئىسلام مەزھەپلىرى ئارا سۆھبەت مەركىزى» تەسىس قىلىنىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى ئابدۇللا ئىبنى ئابدۇلئەزىز قۇرۇلتاي نۇتقىنىڭ داۋامىدا قۇرۇلتاي ئىشتىراكچىلىرىنى سەئۇدى ئەرەبىستانى پايتەختى رىياد شەھىرىنى مەركەز قىلغان «ئىسلام مەزھەپلىرى ئارا سۆھبەت مەركىزى» تەسىس قىلىشقا چاقىردى.
تەھلىلچىلەرگە كۆرە، پادىشاھنىڭ بۇ تەكلىپى كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك ئالاھىدە مۇھىم بىر تەكلىپ بولۇپ، مۇسۇلمانلار مۇشۇنداق بىرەر مەركەز سايىسىدە سۈننى-شىئە، سەلەفىي-تەسەۋۋۇپ ھەممە بىر ئارىغا كېلىپ، ئۆز ئارىسىدىكى ئۇقۇشماسلىقلارنى ھەل قىلالايدۇ، ئۆز ئارىسىدىكى ئىناقسىزلىقلارنى يېڭىپ ئورنىغا دوستلۇق بىلەن دىنىي قېرىنداشلىق رىشتىسىنى ئورنىتالايدۇ. زادى مۇسۇلمانلار مۇشۇنداق بىرەر مەركەز ئاستىدا بىر يەرگە كەلمىسە، ئۇلارنى بىرلەشتۈرىدىغان، مەقسەتلىرىنى چۈشەندۈرەلەيدىغان بىرەر مۇئەسسەسە يوق. دېمەك، پادىشاھنىڭ بۇ تەكلىپى ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ چوڭ بىر بوشلۇقنى تولدۇرغان بولدى.