بولۇپمۇ، رامزان ۋە ھەج ئايلىرىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن مۇسۇلمانلار كېلىپ بۇ يەردە ئۇچرىشىدۇ. شۇ قاتاردا ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز - ئارا ئۇچرىشىدۇ ۋە دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا ئۆزلىرىنى ۋە ئانا يۇرتىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇشقا تىرىشىدۇ.
2011-يىلى17-ئاۋغۇست كېچىسى ھەر يىلىدىكىگە ئوخشاش سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئىگىلىك تىكلىگەن ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئالاھىدە نەتىجىگە ئېرىشكەن ۋە ساخاۋەتچىلىكى بىلەن تونۇلغان بايلاردىن مەرھۇم ئابدۇلغافۇر ئەمىن ھاجىمنىڭ چوڭ ئوغلى ئەمىن ئابدۇلغافۇرنىڭ ئۆيىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى بولۇپ ئۆتتى.
بۇ ئۇچرىشىشقا ياۋروپا، ئامېرىكا، كانادا، يېڭى زېللاندىيە، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئىسلامى جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، شۇنداقلا تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم بىلەن جەمئىيەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇلخالىق قارىملار ئىشتىراك قىلدى.
ئۇچرىشىشتا ھەر يەردىن كەلگەنلەر ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سۆز قىلدى ۋە بەزى قىيىنچىلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ھەل قىلىش چارىلىرى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. شۇ ئارىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئولتۇرغانلارغا تونۇشتۇرۇپ ئىنتايىن ئىخچام ۋە تولىمۇ مەزمۇنلۇق نۇتۇق سۆزلىدى.
شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ياردىمىگە موھتاج
ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم نۇتقىدا مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان خەلقى مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان مۇسۇلمان خەلق. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى بولغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، بۇ خەلقنىڭ غېمىنى يېيىش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ دىنىي بۇرچىدۇر. خەلقىمىز ناھايىتى ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە. دىنىي پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش يولىدىمۇ ھەر خىل ۋە ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا ۋە زورلۇقلارغا ئۇچراپ كەلمەكتە. ئىسلام دۇنياسى پەلەستىندە بولۇۋاتقان ئىشلارنى تەپسىلاتى بىلەن ۋاقتىدا بىلىپ بولىدۇ. ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقانلارنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئادەتتىكى ئاۋام مۇسۇلمانلار شەرقىي تۈركىستان دېگەن يۇرتنىمۇ بىلمەيدۇ. بۇ ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق ئەھۋال. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى بىر-بىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە بىر-بىرىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى بىرگە ھەل قىلىشنىڭ ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشىغا كۆڭۈل بۆلمىگەن ئادەم بىزدىن ئەمەس، دېگەن. ھازىر شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھۆر دۇنيادىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ ھېسداشلىقىغا، ماددىي ۋە مەنىۋى ياردىمىگە موھتاجدۇر. بۇ مۇسۇلمانلىق بۇرچىنى ئادا قىلىشنىڭ ئەڭ تۆۋەن تەلىپى شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۈچۈن دۇئا قىلىش، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنىڭ ھەل بولۇشىنى ئاللاھتىن سوراشتۇر. بۇ ئەڭ ئاددىي تەلەپ بولۇپ، بۇنى ئادا قىلماسلىققا ھېچكىمنىڭ ئۆزرىسى بولمايدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلالمايدىغان شارائىتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دۇئالىرىدا بولسىمۇ ئاشۇ خەلقنى ياد ئېتىشىنى ۋە شۇ خەلقنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ يېقىن كېلەچەكتە ئەمەلگە ئېشىشىغا ئاللاھقا سېغىنىپ دۇئا قىلىشىنى سورايمىز.»