ئۇيغۇر خانىم: چوڭ دادام شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلگەن

شېڭ شىسەي 1933-يىلدىن 1944-يىلغىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي كونتروللۇقىنى قولىغا ئېلىۋالغان لياۋنىڭلىق خىتايدۇر.

0:00 / 0:00

ئەينى چاغدا ئۇ ئۆزىنى خىتايدىكى جاڭ جېشى ۋە ماۋ زېدوڭ بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدىغان ئۈچ كاتتىۋاش، خەلقئارالىق فاشىزمغا قارشى كۈرەش سېپىدىكى ئالتە رەھبەرنىڭ بىرى، دەپ ئاتىۋالغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە بىر قىسىم خىتاي مىللەتچىلىرى ئۇنى جاڭ شۆلياڭ، جاڭ زولىن قاتارلىق ئاتىقى بار خىتاي مىللەتچىلىرى قاتارىغا تىزماقتا.

خىتايچە چىقىدىغان «سىنا» تور بېتىدىكى بىر ماقالىدە «جاڭ زولىن شەرقى شىمالنى ياپونغا بەرمەي ساقلاپ قالغان بولسا، شېڭ شىسەي شىنجاڭنى سوۋېتقا تارتقۇزۇپ قويماي، ساقلاپ قالغان چوڭ تۆھپىكاردۇر.» دەپ ماختايدۇ. ئەمما خىتايچە چىقىدىغان «كومپيۇتېر ئۆيى» ناملىق يەنە بىر تور بەتتە شېڭ شىسەيگە باھا بېرىپ، «شېڭ شىسەي تۇغما قارا نىيەت مىلىتارىست، ۋەھشىي توڭگۇز بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئاز دېگەندە 150 مىڭ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان» دەپ، يازىدۇ.

شېڭ شىسەي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قان-ياشلىرىغا ئارىلىشىپ كەتكەن، زۇلۇم، قىيناش، دەھشەت ۋە ئۆلۈملەرنىڭ ماكانى بولغان دەھشەتلىك تۈرمىلەرنىڭ خوجايىنىدۇر. ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان نەشر ئەپكارلىرىدا ۋە تور ئىنكاسلىرىدا شېڭ شىسەي دېگەن بۇ نام قانخور، جاللات، ياۋۇز، ۋەھشىي دېگەندەك سۆزلەر بىلەن سۈپەتلەنگەن. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان 11 يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا يېتىشىپ چىققان مەرىپەت ئىگىلىرىنى، ئىلغار پىكىرلىك زىيالىيلارنى، تەرەققىيپەرۋەر بايلارنى، مىللەتنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان دىنىي ئۆلىمالارنى قولغا ئېلىپ، ئۈرۈمچىدىكى تاغ ئاستىلىرىغا ياسالغان تۈرمىلەرنىڭ زەي، سوغۇق، قاراڭغۇ كامېرلىرىدا قىيناپ ئۆلتۈرگەن ئىدى.

«شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» نىڭ 35-سانىدىكى بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، شېڭ شىسەي ھەر خىل ئۇسۇلدا ئۆلتۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 127 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرلۈك ئەھۋالدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
1. جاي-جايلاردىن تۇتۇپ ئەكېلىپ، ئۈرۈمچىدە ئۆلتۈرگەن يۇرت كاتتىلىرى، دىنىي ئۆلىمالار، ئىلغار پىكىرلىك، ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەرنىڭ سانى 57 مىڭ.
2. ما خۇسەن قوشۇنلىرىنى قوغلاپ يوقىتىش جەريانىدا ئاق ئۇرۇسلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ۋە ئابدۇنىياز كامال قوزغىلىڭىغا قاتناشتى دەپ ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 30 مىڭ.
3. ئالتايغا ئالتۇن كان قېزىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىن تۇتۇپ كېلىنگەن، ئاچلىق، ئاچارچىلىق ئازابىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 40 مىڭ.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان 127 مىڭ سان ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ تۈرمىلىرىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي پاكىتلارنى ئېلان قىلىشنى تاكى ھازىرغىچە ئىزچىل چەكلەپ كەلمەكتە. ئەسلىدە خىتايچە يېزىلغان بۇ پاكىتلىق ماتېرىياللار گومىنداڭنىڭ شېڭ شىسەينى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە ئەۋەتكەن ئادەملىرى تەرىپىدىن تەييارلانغانلىقى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن بولۇپ، بۇ ماتېرىياللار 1957-يىلى ئەينى چاغدىكى رۇس كۇلۇبى بىلەن ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئارىلىقىدىكى لاپاسلىق كارىدورنى تازىلاۋاتقان ئەخمەت زىيائى، ئابدۇكېرىم خوجا، تېيىپجان ئېلىيوف قاتارلىق ئۇيغۇر ئەدىبلىرى تەرىپىدىن تېپىۋېلىنغان. كېيىن بۇ ماتېرىياللار شائىر ئابدۇكېرىم خوجا تەرىپىدىن ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پارتىيە سېكرېتارلىقىغا تاپشۇرۇلغان.

«كۇچا تارىخ ماتېرىياللىرى» دا بايان قىلىنىشىچە، شېڭ شىسەي 1938-يىلى كۇچا ناھىيىسىدىكى يۇرت كاتتىلىرىنى، قول ئىلىكىدە بار باي سودىگەرلەرنى، ئىلغار پىكىرلىك جامائەت ئەربابلىرى ۋە تەرەققىيپەرۋەر دىنىي ئۆلىمالارنى تۇتقۇن قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن بولۇپ، بىر كېچىدىلا 100 دىن ئارتۇق ئادەمنى بىراقلا تۇتقۇن قىلغان،ھەتتا بەزىلىرىنى نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلىغان. شۇ قېتىمقى تۇتقۇندا ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلارنىڭ سانى 89 نەپەر بولۇپ، بۇلارنىڭ قانداق ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە تاكى ھازىرغىچە ئېنىق بىر ئۇچۇر يوق. شۇ قېتىمقى تۇتقۇندا چوڭ دادىسىدىن ئايرىلىپ قالغان، ھازىر تۈركىيىدە ياشاۋاتقان بىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئانىسىدىن ئاڭلىغانلىرىنى بايان قىلىپ بەردى.

شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئوت يۈرەك ئوغلانلىرىمۇ بار بولۇپ، خوجا نىياز ھاجىم، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، قۇتلۇق ھاجى شەرقىي، ئابدۇللا داموللام، مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىم، ئابدۇراخمان ئەپەندىم، رۇستەم پالۋان قاتارلىقلار بۇلارنىڭ تىپىك مىساللىرىدۇر.