مۇسابىقىنى شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى تەشكىللىگەن بولۇپ، مۇسابىقىگە قىرغىزىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تەشكىللەنگەن «ئازادلىق» كوماندىسى، قازاقىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تەشكىللەنگەن «ئەركىنلىك» كوماندىسى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تەشكىللەنگەن «مۇستەقىللىق» كوماندىسى بولۇپ 3 كوماندا قاتناشتى. ئۇلار 3 مەيدان ئايلانما مۇسابىقە ئويناش ئارقىلىق ئۇتقۇچى كوماندىنى بەلگىلىدى.
«ئازادلىق» كوماندىسى جۇمھۇرىيەت كۈنى نامىدىكى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. مۇسابىقىنى تەشكىللەشكە مەسئۇل بولغان پەرھات ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇنداق بىر شەكىلدە پۇتبول مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇشنىڭ مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.
شۋېتسىيىگە كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، پۇتبول ئويناشقا قىزىقىدىغان ياشلارنىڭ سانىمۇ تەدرىجىي ئاشماقتا. ئۇلار ئىشتىن سىرتقى بوش ۋاقىتلىرىدا ئۆزلۈكىدىن گۇرۇپپىلارغا تەشكىللىنىپ مەشىق ئېلىپ بارسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھەر خىل مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، مەيدانغا ماسلىشىش تېخنىكىلىرىنى ئاشۇرماقتا.
ئۇلارنىڭ بايان قىلىشىچە، شۋېتسىيىدە پۇتبول ناھايىتى كەڭ ئومۇملاشقان بىر خىل تەنتەربىيە ھەرىكىتى بولۇپ، پۇتبول ئارقىلىق شۋېتسىيە جەمئىيىتىگە سىڭىپ كىرگىلى، ياشلار ئارىسىدا ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتكىلى ۋە روھلىرىنى ئۇرغۇتۇپ ۋەتەنگە بولغان سېغىنىشلىرىغا تەسەللى تاپقىلى بولىدىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، پۇتبول بىر خىل ئالاقە ۋاسىتىسى بولۇپ، پۇتبولنى ياشلار ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن ئالاقە ئورناتقىلى، دوستلاشقىلى ۋە ھېسسىيات ئالماشتۇرغىلى بولىدىكەن.