9-ماي كۈنى قازاقىستان خەلقى ئۇلۇغ غالىبىيەتنىڭ 66 يىللىقىنى نىشانلىدى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا 1941-يىلى باشلانغان ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشىغا قازاقىستاندىن بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭ ئادەم ئاتلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ بەش يۈز مىڭدىن كۆپى جەڭ مەيدانلىرىدا قۇربان بولغان.
700 مىڭدىن ئوشۇق ئادەم ئەمگەك ئارمىيىلىرىگە سەپەرۋەر قىلىنغان ئىدى. ئۇرۇش مەيدانلىرىدا كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقى ۋە جاسارىتى ئۈچۈن يۈز مىڭلىغان ئادەم ئوردېن ۋە مېداللار بىلەن مۇكاپاتلىنىپ، بەش يۈزگە يېقىن ئادەم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەھرىمانى ئاتىقىغا مۇيەسسەر بولغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارمۇ بولغان. بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا شەھەرلىرى ۋە يېزىلىرىدىن مىڭلىغان ئۇيغۇرلار ئۇرۇش مەيدانىغا ئاتلىنىپ، ھەر خىل يۆنىلىشلىرىدە جەڭ قىلىپ، قەھرىمانلىقنىڭ ئۈلگىسىنى كۆرسەتكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن مەسۇم ياقۇپوف، سۈلھى لۇتپۇللىن، داداش باباجانوفلارغا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەھرىمانى، مۆردىن تېيىپوفقا بولسا خەلق قاھرىمانى ئاتىقى بېرىلگەن ئىدى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇرۇش قاتناشقۇچىسى چاغاتاي جېلىل ئوغلى جاپپاروف ئۆزىنىڭ ئۇرۇش ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى دەۋردىكى پائالىيىتى ھەققىدە ئەسلىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.