تارىخى شەھەر قارابالتادىكى ئۇيغۇرلار ئۆز مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرماقتا

قىرغىزىستاننىڭ قارابالتا شەھىرى قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلار بىر قەدەر توپلىشىپ ياشايدىغان يۇرتلارنىڭ بىرى. بۇ يۇرت تارىخىمىزدا ئوخشىمىغان ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئىزچىل يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن.

0:00 / 0:00

بۇ جاي قىرغىزلار يېنىسەي بويلىرىدىن تەڭرىتاغ ئېتەكلىرىگە كۆچۈپ كېلىشتىن خېلى بۇرۇنلا قاراخانىيلارنىڭ مۇھىم ھۈنەرۋەنچىلىك، سودا ئورۇنلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ جاينىڭ كېيىنكى مەزگىللەردە قارابالتا دەپ ئاتىلىپ قېلىشى، پالتاخۇن ئىسىملىك بىر باينىڭ بۇ جايغا كارۋان ساراي قۇرۇپ، يولۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.