تاتار تارىخچى مۇنىر يېرزىن: ئۇيغۇرلار دۇنيا خەلقى ئالدىدا پەخىرلىنىشكە ھەقلىق

قازاقىستاندا يورۇققا چىقىۋاتقان ئىلمىي، ئاممىباب ماقالىلەردە ئۇيغۇرلار تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ دۇنيا تارىخچىلىرىدا يەنىمۇ زور قىزىقىش ھاسىل قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلمەكتە.

0:00 / 0:00

ئاتاقلىق تاتار تارىخچىسى مۇنىر يېرزىننىڭ مۇشۇ يىلى نەشردىن چىققان «ئەسىرلەر سىرى» ناملىق كىتابى شۇلار جۈملىسىدىن بولۇپ، ئاپتور ئۆز ئەمگىكىگە تاتار خەلقىنىڭ ئۆتمۈش تارىخىدىن تاشقىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىغا ئائىت بەزى مەلۇماتلارنىمۇ كىرگۈزگەن.

م.يېرزىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇيغۇر مەتبەئەچىلىك تارىخى بويىچە كەڭ دائىرىدە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، «ئۇيغۇر سوۋېت مەتبۇئاتىنىڭ تارىخى» ناملىق دەسلەپكى ئىلمىي مونوگرافىيىسى بىلەن تونۇلغانلىقى ياخشى مەلۇمدۇر.

ئالىم ئىدىقۇت ئۇيغۇر مەتبەئەچىلىكىگە 1000 يىل تولۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازغان ئىدى: «مەتبەئەچىلىك ھۈنىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەم-پاراسىتى، ئىلىم-پەنگە، يېڭىلىققا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن ئۇلۇغ كەشپىيات. ئۇنى ئەينى زاماندىكى مۆجىزىلەرنىڭ مۆجىزىسى دېسەك، چەكتىن ئاشقان بولمايمىز. ئۇيغۇرلار ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئالتۇن خەزىنىسىگە قوشقان مانا شۇ ئاجايىپ چوڭ تۆھپىسى بىلەن دۇنيا خەلقى ئالدىدا پەخىرلىنىشكە ھەقلىق.»

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى م.يېرزىن «ئەسىرلەر سىرى» ناملىق كىتابى ھەققىدە مۇخبىرىمىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.