كۆك بايراق پىدائىيسى تۇران يازغان ئالەمدىن ئۆتتى

ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇر دەۋاسىغا ئىگە چىققان، تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى تۈپەيلى «تۈركلەرنىڭ قورقۇت ئاتىسى» ئاتىقىغا ئېرىشكەن پروفېسسور دوكتور تۇران يازغان ئەپەندى 22-نويابىر كۈنى سەھەردە 74 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012.11.22
turan-yazgan-305.jpg ئۇيغۇر دەۋاسىغا ئىگە چىققان، تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى ئۈچۈن «تۈركلەرنىڭ قورقۇت ئاتىسى» دەپ ئاتالغان پروفېسسور دوكتور تۇران يازغان. 2012-يىلى، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

ئۆلۈم خەۋىرى تارقىلىش بىلەن تەڭ تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ ئائىلىسىنى يوقلاپ سەبىر تىلىدى. ئۇيغۇرلار ئۇنى ئاييۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ پىدائىيسى دەپ ئاتىشاتتى.

تۇران يازغان، 1938-يىلى تۈركىيىنىڭ ئىسىپارتا ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتقا ئوقۇتقۇچى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىپ پروفېسسورلۇققا يۈكسەلگەن. پروفېسسور دوكتور تۇران يازغان 1980-يىلى تۈرك دۇنياسى ۋەخپىنى قۇرۇش ئارقىلىق، تۈرك دۇنياسىنىڭ كۈلتۈرى ۋە سەنئىتىنىڭ تۈركىيىدە تونۇلۇشىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان.

ئۇ بۈگۈنگىچە ئەزەربەيجان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردە مەكتەپ قۇرغان. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇنىڭ قىرغىزىستاننىڭ جالالئاباد شەھىرىدە، قازاقىستاندا ۋە ئەزەربەيجاندا تۈرك دۇنياسى ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتېتى نامىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئوقۇتۇش ئېلىپ بارماقتا. تۇران يازغان ئەپەندى ياشلىق چاغلىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، داۋاملىق ھالدا مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ يېنىدا بولغان. 2000-يىلى، خىتاي رەئىسى جياڭ زېمىن رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن تۈركىيىگە كەلگەندە، تۇران يازغان ئەپەندى ھۆكۈمەتنىڭ مەنىي قىلىشىغا قارىماي، سۇلايمانىيە زالىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى ئەيىبلىگەن. يىغىن باشلاشتىن بۇرۇن تۈركىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى ساقچىلىرى كۆك بايراقنى ئېلىۋېتىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. تۇران يازغان «قېنى قايسىڭ ئەركەك بولساڭ، مېنىڭ ئالدىمدا مۇشۇ بايراقنى ئېلىۋېتىشكە پېتىنىسەن!» دەپ، بايراقنى ئېلىۋېتىشكە قارشى قەتئىي مەيدانىنى ئىپادىلەپ ساقچىلارنى ۋاز كەچتۈرگەن ۋە يىغىننى داۋام قىلغان. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى نەق مەيداندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خاتىرىسىدە ھازىرغىچە ساقلانماقتا.

بۈگۈنكى پروگراممىمىز ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئۆزىگە دوست تۇتقان، ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان تۇران يازغان ئەپەندىنىڭ ئائىلىسىگە سەبىر تىلەيمىز. ئاللاھدىن تۇران يازغان ئەپەندىگە بۇ دۇنيادا قىلغان ساۋابلىق ئىشلىرى ئۈچۈن جەننەت تىلەيمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.