تۇرغۇن ئالماس 1921-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيىسىنىڭ تاربوغۇز كەنتىدە ئىمىناخۇن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆز يۇرتىدا تاماملاپ، ئون ئالتە يىشىدا يەنى 1937-يىلى ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە ئىلىغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىدۇ. 1939-يىلى 9-ئايدا ئىلىدىن ئۈرۈمچىدىكى ئىنىستىتۇتقا ئوقۇشقا كېلىدۇ. 1942-يىلى 8-ئايدا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، شۇ يىلى 9-ئايدا قاراشەھەر ناھىيىسىنىڭ دەنزىل يېزىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە مۇدىر بولىدۇ.
ئۇ دەنزىلدىكى ئوقۇتۇش جەريانىدا ئىنقىلابى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن 1943-يىلى شىڭ شىسەي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ. ئۇ تۈرمىدە «تۇتقۇن»، «غېرىب موماي»، «جەمىلە» ۋە «ئىككى تامچە ياش» قاتارلىق ئىنقىلابى شېئىرلارنى يېزىپ، خەلقنى كۈرەش قىلىشقا چاقىرىدۇ. 1945-يىلى 9-ئايدا ئىككى يىللىق تۈرمە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەركىنلىككە ئىرىشىدۇ ۋە شۇ يىلى 10-ئايدا قاراشەھەردىن پىيادە مېڭىپ قەشقەر شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، قەشقەر دارىلمۇئەللىمىنگە خىزمەتكە ئورۇنلىشىدۇ.
ئۇ قەشقەردىكى ئىنقىلابى پائالىيىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن باشلاپ، گومىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان قانلىق مۇستەملىكىچىلىكىنى، مىللىي زۇلۇملىرىنى پاش قىلىدىغان كەڭ كۆلەملىك ئىنقىلابى تەشۋىقات خىزمىتىنى ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ 1945-يىلى 10-ئايدىن 1947-يىل 4-ئايغىچە بولغان مەزگىل ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئەدەبىي تالانتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ «ئازادلىق مەشىلى»، «تەنلىرىم ياپراق» ۋە «ياشلىقىم» قاتارلىق يۈكسەك ئىنقىلابىي روھغا ئىگە بولغان جەڭگىۋار شېئىرلارنى يازىدۇ.
تۇغۇن ئالماس 1953-يىلى 8-ئايدا ئۆزىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن كەسىپ ئالماشتۇرۇپ ئۆلكىلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە يۆتكىلىپ تەھرىرلىك، تەرجىمانلىق ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلايدۇ. ئۆز مىللىتىنىڭ سىياسىي تەقدىرى ئۈستىدە ئويلىنىشنى ھېچقاچان توختاتمىغان تۇرغۇن ئالماس، 50-يىللاردىن باشلاپ تارىخ تەتقىقاتىغا كىرىشىدۇ. ئۇنىڭ 50-يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىگە ئىنگلىز، رۇس ۋە خەنزۇ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان «لەيلىگۈل» داستانى بىلەن 1955-يىلى مەملىكەت بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.1957-يىلى ئۇنىڭ «تارىم شاماللىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. ئۇ 1956-يىلى 9-ئايدىن 1957-يىلى 8-ئايغىچە بېيجىڭدىكى لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىدا ئوقۇدى. 1957- يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلىبىسىنىڭ قىرىق يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا ماۋ زېدۇڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىبىدە قاتنىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۈچ ئاي زىيارەتتە بولىدۇ. ئۇ، بۇ ئۈچ ئايلىق زىيارىتى جەريانىدا يەنە «دىنىپىر بويىدا»، «بىر تامچە قان» قاتارلىق ئۆلمەس شېئىرلارنى يازغان. 1958-يىلى، ئۇنىڭ «پىچاق» ناملىق دىرامىسى ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي شۇ يىلى خىتاي تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ بېسىلغان. ئۇ 60-يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا «ساي بۇلاقلىرى»، «تاڭ سەھەر»، «بوران يىغلايدۇ» قاتارلىق كۈچلۈك سىياسىي لېرىكىلىق شېئىرلارنى يازغان. 60-يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يېزىلىپ تاماملانغان «قەشقەر ھەققىدە قىسسە» ناملىق تارىخى رومانى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا مۇسادىرە قىلىنىپ،كېيىن يوقالغان.
1970-يىلى 8-ئايدا تۇرغۇن ئالماس قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغانۋە 1977-يىلى 10-ئايدا يەتتە يىللىق زىندان ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، يورۇقلۇققا چىققان. ئۇ،1980-يىلىدىن باشلاپ تارىخى ئىجادىيەتكە ئالاھىدە كىرىشتى. 1980-يىلدىن 1990-يىلغىچە بولغان ئون يىل ئىچىدە«ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ماكانى توغرىسىدا»، «ئوغۇزنامە ئىپوسى ھەققىدە» ۋە «ئەپسانە ۋە رىۋايەتلەر ھەققىدە» قاتارلىق قىرىق پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىشى، ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ ساھەسىدىكى بەزىبىر چىگىش مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان. ئۇنىڭ «تاڭ سەھەر» ناملىق شېئىرلار توپلىمى 1982-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.ئۇ 1983-يىلى 1-ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تارىخى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار تارىخى تەتقىقاتىغا بولغان بەزىبىر قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يىغىندىكى كەسپداشلىرىنى ھەيران قالدۇرغان.
ئۇنىڭ يىرىك ھەجىمدىكى تارىخى ئەسەرلىرى «قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، «ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ۋە «ئۇيغۇرلار» قاتارلىق كىتابلىرى ئارقا-ئارقىدىن نەشر قىلىنغان. ئۇ ئارقىدىنلا يەنە «تۈركلەر» ۋە «ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى» ناملىق ئىككى پارچە يىرىك تارىخى ئەسىرىنى نەشرگە تاپشۇرغان.
بۇ، ھارماس ئازادلىق جەڭچىسى ، 2001-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر مىللىي تىبابەتخانىسىدا ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 7:45 دە 80 يېشىدا بىز بىلەن مەڭگۈلۈككە ۋىدالاشتى. ئەسلىدە شۇنى كۈنى مەرھۇمنىڭ مېيىت نامىزى ئۈرۈمچىدىكى بەيتۇلمەھمۇر مەسچىتىدە پىشىن نامىزى ۋاقتىدا ئوقۇلماقچى بولغان بولسىمۇ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تۇرغۇن ئالماسنىڭ مېيىت نامىزىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بارلىق ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى دەرس تاشلاپ مەرھۇمنىڭ نامىزىغا قاتنىشىشنى ۋە مەرھۇمنىڭ جىنازىسىنى ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا كۆتۈرۈپ ئايلىنىش ۋە ئەڭ ئاخىرىدا قەبرىستانلىققا ئۇزىتىش، خەلققە ئۆز خەلقىنى سۆيگەن ئەزىمەتلەرنىڭ ئۆلۇمىنىڭ قەدىر-قىممىتىنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش مەقسىتىدە ئالدىن پىلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تۇرغۇن ئالماسنىڭ مېيىت نامىزىنى كېچىكتۈرۈپ، ئەسىر ناماز ۋاقتىغا ئۆزگەرتكەن ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دەرۋازىسىنى دەرھال تاقاپ ئوقۇغۇچىلارنى سىرتقا چىقارماسلىققا تەدبىر قوللانغان بولسىمۇ، ئەمما مەرھۇمنىڭ مىيىتى يەنىلا مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە ئۇيغۇرلارنىڭ توپلىشىشى ۋە ياشلارنىڭ جىنازىنى قوللاردا ئۇچلاپ كۆتۈرۈپ، پىيادە تەكبىر بىلەن گۇلساي قەبرىستانلىقىدا دەپنە قىلىنغان.
بىز تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىنىڭ ھاياتى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيىتى ھەققىدە تۈركىيە ئىگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.