«تۈركىستان كېچىلىرى» ناملىق كىتاب قايتا نەشردىن چىقتى

1930-يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدە زالىم، مۇستەبىتلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئومۇميۈزلۈك خەلق قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئىنقىلابچىلارنىڭ كۆپ قىسمى چەتئەللەرگە ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان ئىكەن.

0:00 / 0:00

شۇ قاتاردا بىر قانچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئىنقىلابچىلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بېرىپ يەرلىشىپ قالغانلىقى مەلۇم.

مۇندىن 40-50يىللار ئىلگىرى مىسىرلىق مەشھۇر ئىسلامىي يازغۇچى دوكتور نەجىب كىلانى مەككە مۇكەررەمە شەھىرىگە ھەج پائالىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ھازىر بولىدۇ. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەككە بازارلىرىنىڭ بىرىدە دۇكان ئىچىپ ئولتۇرغان بىر ئۇيغۇر بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. ھېلىقى ئۇيغۇر دۇكاندار ئۆزىنى «شەرقىي تۈركىستانلىقمەن، ئىسمىم مۇستافا مۇراد ھەزرەت» دەپ تونۇشتۇرىدۇ ۋە 1930-يىللىرىدىكى خەلق ئىنقىلابى ھەققىدە تەپسىلىي سۆزلەپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرىنى بىر-بىرلەپ خاتىرىلىۋالغان دوكتور نەجىب كىلانى«تۈركىستان كېچىلىرى»ناملىق مەشھۇر رومانىنى يېزىپ چىقىدۇ.

«تۈركىستان كېچىلىرى» ناملىق بۇ رومان ئەرەب دۇنياسىدا ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتىنى تونۇشتۇرۇشتا ناھايىتى زور رول ئوينىغان بولۇپ، ئىسلام دۇنياسىدا ئۇيغۇرلارنى تونۇغانلارنىڭ تولىسى ئۇلارنى مۇشۇ رومان سايىسىدا تونۇغان دېسەك ئاشۇرۇۋاتقان بولمايمىز.

روماننىڭ يېڭى نەشرى ھەققىدە

مەزكۇر رومان ئەرەب تىلىدا بىر قانچە قېتىم نەشر قىلىنغاننىڭ سىرتىدا، تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان ئىكەن. بۇ يىل 2012-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ۋەتەنپەرۋەر ئۇستاز سىراجىدىن ئەزىزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بۇ رومان مىسىردا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

سىراجىددىن ئەزىزى بىلەن سۆھبەت

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ۋەتەنپەرۋەر ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى «تۈركىستان كېچىلىرى» ناملىق رومان ھەققىدە مۇنداق دېدى:
‏- مەزكۇر رومان ئىسلام ۋە ئەرەب دۇنياسىدا ناھايىتى مەشھۇر بولغان بولۇپ، ئۇنى چوڭلارلا ئەمەس، بەلكى ياشلارمۇ كۆپ ئوقۇغان ئىكەن. ھەر قانداق بىر سورۇندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقسا، بەزى ئادەملەر«مەن بۇ روماننى كىچىك ۋاقتىمدا ئوقۇغانتىم»دەپ ئەسكە ئالىدۇ. مەن بىلىدىغان ئەبۇ مەنسۇر دېگەن بىر ئەرەب ئادەمگە 8 ياش ۋاقتىدا دادىسى بۇ روماننى ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلغان ئىكەن. ئۇ كىچىك ۋاقتىدا ئوقۇغان بولسىمۇ ئۇنتۇپ كەتكەن ئىكەن. يېقىندا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئىزدىنىش جەريانىدا ھەممىسى ئېسىگە كەلگەن. بۇ ئادەم ھازىر كۆپ ۋاقتىنى، ھەتتا پۈتۈن ھاياتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە ئاتاپ خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. ئۆتكەن يىلى شۋېتسىيىدە بىر يىغىندا بولغانتۇق. شۇ جايدا بىر مەشھۇر ئالىم «بىز شەرقىي تۈركىستاننى 30-40 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بىرى بىلىمىز، ئۇ ھەمىشە بىزنىڭ قەلبىمىزدە. مۇندىن 30 يىل ئىلگىرى پەلەستىندىكى مەشھۇر مۇجاھىد ئەھمەد ياسىن ‹تۈركىستان كېچىلىرى› دېگەن روماننى باستۇرۇپ بىزگە تارقاتقان. بىز شۇ ۋاقىتتىن بىرى شەرقىي تۈركىستاننى بىلىمىز ۋە ئۇنىڭ خىتاي مۇستەملىكىسىدە قالغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز» دېدى. بۇ كىتابنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ بولۇپ، مەيلى تارىخىي جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى ئەدەبىي جەھەتتىن بولسۇن، زور ئەھمىيىتى بار. بۇ كىتابنى ھەركىم ئوقۇپ چىقىشقا تېگىشلىك. بۇ تارىخىي كىتاب بولسىمۇ، ئۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى خۇددى ھازىر يېزىلغاندەك تەسۋىرلەپ بەرگەن. بۇ كىتاب 1000 نۇسخا بېسىلغان ئىدى. يەنە يېقىندا 3000 نۇسخا بېسىشقا ھازىرلىنىۋاتىدۇ.