ئىنسان ھاياتىدا ئۈمىدنىڭ رولى

مۇتەپەككۇرلار ئۈمىدنى مەقسەتكە يېتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئىماننىڭ مېۋىلىرىدىن بىرى ۋە ئادەمنى تۇرماستىن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەپ تۇرىدىغان تۈرتكە دەپ تەرىپلەيدۇ.

0:00 / 0:00

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن مۇھەممەد ئەرىفى«ھاياتىڭىزنىڭ قەدرىنى بىلىڭ» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئۈمىد ئىماننىڭ مېۋىسى بولغىنىدەك، ئۇنىڭ قولدىشىدۇر. ئىمان بولغان قەلبتە چوقۇم ئۈمىد بولىدۇ. تارىخلار گۇۋاھكى، ئۈمىد كىشىلەرنى كۆز يەتمىگەن ئارمانلارغا ئېرىشتۈرگەن. ئۈمىد ھەر قانداق قىيىنچىلىقنى ئوڭايلىققا ئايلاندۇرىدىغان، يىراقنى يېقىن قىلىدىغان، ھۇرۇنلۇقنى تىرىشچانلىققا ئۆزگەرتىدىغان، روھنى ئۈستۈن كۆتۈرىدىغان ۋە مەقسەتلەرگە ئېرىشتۈرىدىغان سېھىرلىك كۈچتۇر. ئىلىم پەننىڭ تەرەققىي قىلىشى، كەشپىياتلارنىڭ ئېچىلىشى، تۈرلۈك يېڭىلىقلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە ئاسارەتتىكى خەلقلەرنىڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشىشى ئۈچۈنمۇ ئۈمىدنىڭ رولى ناھايىتى چوڭدۇر. ئەگەر ئالىملار ۋە كەشپىياتچىلار ئۆز زامانلىرىنىڭ سەۋىيىسىگە كۇپايە قىلىپ، كېلەچەك ئۈچۈن ئىزدەنمىگەن ۋە ئۈمىد بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمىگەن بولسا ئىدى، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى بىر ئىزدىلا توختاپ قالغان، مەجھۇللار يېشىلمىگەن، كەشپىياتلار ئېچىلمىغان ۋە يېڭىلىقلار ئىجاد قىلىنمىغان بولاتتى. ئىنسانلار زامانىمىزدىكىدەك، پەن تېخنىكا يېڭىلىقلىرىدىن بەھرىمەن بولالمايتتى.»

ئۈمىد ئىماننىڭ قولدىشى

ئەللامە مۇھەممەد ئەرىفى مەزكۇر ئەسىرىدە يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «خۇددى ئۈمىد ئىماننىڭ قولدىشى بولغىنىدەك، ئۈمىدسىزلىك كۇپۇرلۇقنىڭ جورىسىدۇر. ئۈمىدسىزلىك بىلەن، كۇپۇرلۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدا زىچ باغلىنىش بولۇپ، بۇ ئىككىسىنىڭ بىرى يەنە بىرى ئۈچۈن سەۋەبچىدۇر. ئۈمىدسىزلىك كۇپۇرلۇقنى كەلتۈرىدۇ، كۇپۇرلۇق ئۈمىدسىزلىكنى كەلتۈرىدۇ. قۇرئان كەرىمىدە: «ئاللانىڭ رەھمىتىدىن كاپىر قوۋمدىن باشقىسى ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ» دېيىلگەن.

ساھابىلەردىن ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ھالاكەت ئىككى ئىشتا: ئۇنىڭ بىرى، ئۈمىدسىزلىك؛ يەنە بىرى، مەغرۇرلۇق» دېگەن ئىكەن. ئىمام غازالى بۇ سۆزنى شەرھلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۈمىدسىزلىك بىلەن مەغرۇرلۇقنىڭ ھالاكەت ئۈچۈن سەۋەب بولىدىغانلىقىدىكى سىر شۇكى، يەتمەكچى بولغان ھەر قانداق ئارزۇ ئارمان پەقەت ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلاپ، ئىزچىل تېرىشىش ۋە سەۋەب قىلىش ئارقىلىقلا ھاسىل بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۈمىدسىزنىڭ ئېتىقادىدا ئۇ يەتمەكچى بولغان مەقسەتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا ئۇ ئۇنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئۈمىدمۇ قىلمايدۇ، سەۋەبمۇ قىلمايدۇ. مەغرۇر ئۆزىنى مەقسەتكە يەتتىم، دەپ ئويلايدۇ، شۇڭا ئۇ باشقىسىنى تەلەپ قىلمايدۇ ۋە ئۈمىدمۇ قىلمايدۇ، چۈنكى بار نەرسە سورالمايدۇ. ئارزۇ ئارمان ئۈمىدسىزنىڭ ئېتىقادىدا مۇمكىن ئەمەس، مەغرۇرنىڭ ئېتىقادىدا ھاسىل بولغان نەرسىدۇر. بىزنىڭ كۈندىلىك ھاياتىمىزدىمۇ بۇ ھەقىقەتنى ئىسپاتلايدىغان مىساللار كۆپتۇر. مەسىلەن: ئوقۇغۇچى ئىمتىھاندا قازىنىش ئۈمىدىنى يوقاتقان ۋاقىتتا، ئۇ، ئۆگىنىش، مۇزاكىرە قىلىش، كىتاب، دەپتەر، قەلەم، مەكتەپ دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىدىن زېرىكىدۇ، بۇلار ئۇنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنىدۇ. چۈنكى ئۇ قانچە قىلسىمۇ بەرىبىر ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيدىغانلىقىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا قىلىنغان نەسىھەت، تەربىيە، مۇناسىپ مۇھىت، ئالاھىدە خۇسۇسى دەرسلەر ۋە باشقىلارنىڭ ھېچبىرى كار قىلمايدۇ. پەقەت ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئىمتىھاندىن ئۆتۈشكە بولغان ئۈمىدى قايتىدىن تۇغۇلغاندىلا، دەرسكە كىرىشەلەيدۇ. شىپا تېپىشىدىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەن كېسەلمۇ شۇنداقتۇر. شۇنىڭدەك، ئادەم ھەر قانداق بىر ئىشتىن ئۈمىدىنى يوقاتقان ۋاقتىدا، يورۇق دۇنيا ئۇنىڭ كۆزىگە زۇلمەت كۆرۈنىدۇ، ئۇنىڭغا سەۋەبلەر تۈگىگەن، چارە قالمىغان، ئۆزى بولسا تۈگەشكەن بولۇپ ھېس قىلىنىدۇ.»