قازاقىستاندىكى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىگە 55 يىل تولدى

قازاقىستان ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنىڭ تەرەققىياتىدا جۇمھۇرىيەتلىك ئىجتىمائىي-سىياسىي گېزىت «ئۇيغۇر ئاۋازى» نىڭ ئىگىلىگەن ئورنى ئالاھىدىدۇر.

0:00 / 0:00

چۈنكى، 55 يىل داۋامىدا بۇ گېزىت ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى بايلىقىغا، غۇرۇرىغا ئايلىنىپ، خەلق ئىچىدە ئالاھىدە ھۆرمەت قازانغان ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان ئاتاقلىق زىيالىيلار ۋە ژۇرنالىستلار تەرىپىدىن رەھبەرلىك قىلىنىپ كەلگەن مەزكۇر گېزىت بۈگۈنكى كۈندە ئۆز ئىشىنى زامان تەلىپىگە لايىق ھالدا داۋام قىلماقتا.

بۇ گېزىت سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە «كوممۇنىزم تۇغى» نامى بىلەن ئاتىلىپ، سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىردىن-بىر دۆلەت دەرىجىلىك گېزىتىگە ئايلانغان بولسا، قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن «ئۇيغۇر ئاۋازى» دېگەن نامغا ئۆزگەرتىلگەن ئىدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرىنىڭ ئورۇنباسارى مۇختەرجان جۇماروف گېزىتنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەم كېلەچەك پىلانلىرى ئۈستىدە توختالدى.