تارىمدىن تېپىلغان قەدىمىي جەسەتلەر نېمە ئۈچۈن خىتاينى بىئارام قىلىدۇ؟

"يىپەك يولىنىڭ سىرى" ناملىق كۆرگەزمە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۇشتۇمتۇت توختىتىپ قويۇلغاندىن كېيىن، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كەڭ دائىرىدە يەر ئالدى.

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زادى نېمە ئۈچۈن مۇشۇ ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەچلىدىغان كۆرگەزمىنى توختىتىپ قويغانلىقى، كۆرگەزمىگە قويۇلماقچى بولغان قەدىمىي جەسەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتاينى بىئارام قىلغانلىقىدەك مەسىلىلەر مەتبۇئاتلارنىڭ ئەڭ قىزىققان نۇقتىسى بولدى. گەرچە پەن مۇزېيى دائىرىلىرى بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا بايانات بېرىشنى رەت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. تۆۋەندە بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز ئىرادە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ.

تارىم ۋادىسىدىن بايقالغان قەدىمىي جەسەتلەر ئۇيغۇرلارغا دائىر مۇھىم ئارخىلوگىيىلىك بايقاشلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ جەسەتلەر قەدىمكى تارىم ئاھالىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان ئانتروپولوگىيىلىك مۇناسىۋىتىنى ئېچىپ بېرىدىغان ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە مىراستۇر. ئىگىلىنىشىچە، تارىم مۇمىيالىرى دەپ ئىسىم قويۇلغان بۇ جەسەتلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ قەدىمىي تارىخقا ئىگە بولغىنى 3800 يىل بۇرۇن ياشىغان بىر ئايالغا ئائىت جەسەت بولۇپ، بۇ ئايال جەسەت كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىغا توغرا كېلىدىغان ئارغان دېگەن جايغا يېقىن يەردىكى يەرلىك خەلقلەر "قۇم دەريا" دەپ ئاتايدىغان كىچىك بىر ئېقىن بويىدىن تېپىلغان. ئۇ ئايال جەسەتكە "كىچىك مۆرەن گۈزىلى" دەپ نام بېرىلگەن.

بۇ قېتىم پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا كۆرگەزمە قىلىنماقچى بولغان جەسەتلەرنىڭ ئىچىدە دەل مۇشۇ "كىچىك مۆرەن گۈزىلى" ۋە چەرچەننىڭ زاغۇنلۇق دېگەن يېرىدىن بايقالغان 10-8 ئايلىق بوۋاق ۋە لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ تېرىم ئەتراپىدىن تېپىلغان بىر ئەر كىشىنىڭ جەسىتى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار گۈزەل سەنئەت بۇيۇملىرى بار ئىدى.

ئىلگىرى بۇ كۆرگەزمە ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ۋە تېكساس شتاتلىرىدا كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ جەسەتلەرنىڭ چاچلىرى، يۈزىدىكى سىزىقلارغىچە ئىنتايىن ياخشى ساقلانغانلىقى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ياۋروپا ئىرقىغا خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشى ھەممىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. ئەمدىلىكتە بۇ قەدىمىي مۇمىيالار پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا كۆرگەزمە قىلىنىش ئالدىدا تۇرغاندا، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۇشتۇمتۇت توختىتىپ قويۇلغاندىن كېيىن، بۇ ۋەقە ئامېرىكا ۋە شۇنداقلا دۇنيادىكى باشقا ئەللەر مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ خەۋەر قىلىندى. ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار تېمىلارغا قىزىققۇچىلار ۋە شۇنداقلا تارىخچىلار بۇ تېمىدا ئۆزىنىڭ تور سەھىپىلىرىدە بۇ ھەقتە قىزغىن مۇنازىرىلەرنى ئېلىپ باردى. مەتبۇئاتلاردا نېمە ئۈچۈن خىتايلار بۇ جەسەتلەرنى كۆرگەزمە قىلغىلى قويمىدى دېگەن سوئال پەيدا بولدى. ئۇنداقتا، بۇ مۇمىيالاردىكى خىتاي دائىرىلىرىنى بىئارام قىلىدىغان ئالاھىدە نۇقتا زادى نېمە؟ بۇ ھەقتە ئامېرىكىدىكى يىپەك يولى مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات ئەپەندى ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادە قىلدى.

دوكتور قاھار بارات ئەپەندى سۆزىدە يەنە، تارىم مۇمىيالىرى دەپ نام بېرىلگەن بۇ قەدىمىي جەسەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى دەپ كېلىۋاتقان "شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ زېمىنى" دەيدىغان تەشۋىقاتىنى چۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى، شۇڭا خىتاينىڭ بۇ جەسەتلەرنىڭ كۆرگەزمە قىلىنىشىدىن بىئارام بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بىز بۇ قەدىمىي جەسەتلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا كەلگەندە توختىتىپ قويۇلغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بۇ قەدىمىي جەسەتلەرنى ئامېرىكىدا كۆرگەزمە قىلىش ئۈچۈن ئون نەچچە يىلدىن بېرى تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلگەن شەخسلەرنىڭ بىرى ۋە بۇ كۆرگەزمىنىڭ ساھىبخانلىرىدىن بىرى بولغان ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋېكتور مېير ئەپەندىدىن ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق.
ئەمما، ۋېكتور مېير ئەپەندى ئۆزىنىڭ ھازىرچە بىزنىڭ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتە يېڭىچە ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى، شۇڭا بىزنىڭ ئۆزىگە ئەتىلەردىن قايتا تېلېفون قىلىپ بېقىشىمىزنى ئېيتتى.

گەرچە، رەسمىي دائىرىلەر بۇ ھەقتە ئېنىق بايانات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان مۇلاھىزىلەر بۇ مۇمىيالارنىڭ ئېتنىك تەركىبىنىڭ ياۋروپالىق بولۇشى ۋە بۇنىڭ خىتاينىڭ نازۇك رايونى بولغان ئۇيغۇر رايونىدىن تېپىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇلارنى ئۆزىنىڭ ئەجدادلىرى دەپ قارايدىغانلىقىدەك ئەھۋالنىڭ خىتاينى ساراسىمىگە سالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى.

ئالىم سېيىتوف ئەپەندى سۆزىنىڭ داۋامىدا، ھازىرقىدەك ئۇچۇر دەۋرىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەقىقەتنى ھەرگىز يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.