قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر كەسپىي تىياتىرى مىللىي سەنئەتنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاساسىي مەركىزى بولماقتا
2011.08.25
ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ كەسپىي تىياتىرلىرى، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللىي تىياتىرىمۇ سوۋېت تۈزۈمى دەۋرىدە كوممۇنىستلار ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلگەن ئىدېئولوگىيىلىك سىياسەتتىن، ئاممىۋى تەقىپلەشلەردىن كۆپ زەرداب چەكتى. كۆپلىگەن پاكىتلار بۇرمىلىنىپ، تىياتىر سەھنىلىرىدە، دراما ئەسەرلىرىدە كوممۇنىستىك پارتىيىنى ھەم ئۇنىڭ مىللىي سىياسىتىنى كۆپلەپ مەدھىيىلەش ئەھۋاللىرىمۇ يۈز بېرىپ تۇردى ھەمدە بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ھەر قانداق خەلق سەنئىتىنىڭ مىللىيلىكىگە، خەلقچىلىكىگە نۇقسان كەلتۈرگەن ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي ئۆز مىللىتىنى ھەقىقەتەن سۆيگەن سەنئەت ئەربابلىرى ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئەركىنلىك، ئادالەتلىك ماۋزۇلىرىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇردى ھەم ئۆز خەلقىنىڭ مىللىي ئاڭ-سېزىمىنى ئويغىتىشقا مۇناسىپ ھەسسە قوشتى. سوۋېت تۈزۈمى غۇلاپ، مۇستەقىل مەملىكەتلەر بارلىققا كەلگەندىن كېيىن باشقىلار قاتارىدا قازاقىستاندىكى قۇددۇس غوجامىياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىمۇ ئۆزىنىڭ يېڭى ئۇسلۇبتىكى ۋە يېڭى مەزمۇندىكى پروگراممىلىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىدى.
قازاقىستان دۆلىتى مۇستەقىللىقىنىڭ 20 يىللىق تارىخى جەريانىدا مەزكۇر سەنئەت ئۆمىكى پائالىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى، كېيىنكى يىللاردا ئۇ قانداق ئۇتۇقلارغا ئېرىشتى؟ ئۇنىڭ ئالدىدىكى ۋەزىپىلەر كۆپچىلىكنى قىزىقتۇرماقتا. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ئۇيغۇر تىياتىرى رەھبەرلىكىنى زىيارەت قىلدۇق.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر تىياتىرى مۇدىرى ساۋۇتجان سونۇروف ھەم تىياتىر رېژىسسورى يالقۇنجان شەمىيېف تىياتىرنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.