مەلۇمكى، ئۇيغۇر ئېلىدىن قالسا ئەڭ كۆپ ئۇيغۇر ياشايدىغان دۆلەت قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدۇر. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەتلىرى بىلەن باشقا قېرىنداشلىرىغا ئۈلگە بولۇپ كەلمەكتە.
بىز قىسسىسىنى ئاڭلاتماقچى بولغان بۇ ياش قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىدىن بولۇپ، ئۇ كۈتۈلمىگەن بىر قازا بىلەن ئىككى كۆزىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، يەنىلا ھاياتتىن ئۈمىدسىزلەنمەستىن، بارلىق توسقۇنلۇقلارنى يېڭىپ، ئۆزىنىڭ ئېگىلمەس ئىرادىسىنى ئىسپاتلىغان ۋە ئالماتا شەھىرىدە تۇنجى مېيىپلەر مەكتىپىنى ئېچىپ قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا زور شۆھرەت قازانغان بىر شەخس.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، قازاقىستاندا ساخاۋەتچىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆزۈرلۈكلەر مەكتىپى ئاچقان، ھازىر مەككە مۇكەررەمدە ھەج قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياش رۇسلان ئىبراھىم ئوغلى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلايسىلەر.