«يالىڭاچلانغان جۇمھۇرىيەت» ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى

يېقىندا ياپونىيە جائو كىيۇشىنشا نەشرىياتى تەرىپىدىن خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى كاگامى مىتسۇيۇكى ئەپەندىنىڭ «يالىڭاچلانغان جۇمھۇرىيەت» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنغان.

0:00 / 0:00

مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورى كاگامى مىتسۇيۇكى ئەپەندى ئىلگىرى ياپونىيە ئاسىيا ئىقتىساد تەتقىقات مەركىزىدە خىزمەت قىلغان، ھازىر بولسا ياپونىيە ئايچى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھازىرقى زامان خىتاي ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، خىتاي نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ پەخرى پروفېسسورى. ئاپتورنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرىدىن «ئەينەك ئىچىدىكى ياپون ۋە خىتاي»، «خىتايدىكى يېڭى بايقاش» ۋە «خىتاينىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسىتى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. بۇ قېتىم نەشر قىلىنغان ئاپتورنىڭ مەزكۇر كىتابى جەمئىي 5 باب بولۇپ، بۇلار 1-باب: ھازىرقى خىتاينىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. 2-باب: خىتاينىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئۆزگەرتىشى ۋە قايتا تۇغۇلۇشى. 3-باب: خىتايدىكى سوتسىيالىزم ئىنقىلابى. 4-باب: خىتاينىڭ دېموكراتلىشىشى مۇمكىنمۇ؟ 5-باب: خىتايدىكى چوڭ مىللەتچىلىك ئۆزگىرەرمۇ؟ ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى قاتارلىق 5 باب، 229-بەتتىن تەركىب تاپقان.

خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى كاگامى مىتسۇيۇكى ئەپەندى «يالىڭاچلانغان جۇمھۇرىيەت» ناملىق كىتابىدا «ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى» دېگەن تېمىدا ئايرىم توختالغان. 2012-يىلى ئاۋغۇست، ياپونىيە.
خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى كاگامى مىتسۇيۇكى ئەپەندى «يالىڭاچلانغان جۇمھۇرىيەت» ناملىق كىتابىدا «ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى» دېگەن تېمىدا ئايرىم توختالغان. 2012-يىلى ئاۋغۇست، ياپونىيە. (RFA/Haji Qutluq)

ئاپتور كىتابىدا 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ بىرقانچە دەۋرلەردىن بۇيان ھەرخىل سىياسىي كىيىملەر بىلەن پەردازلىنىپ بېزىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، دەۋرنىڭ تەقەززاسى،جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا سىياسىيلاشقان چىرايلىق كىيىملەر بىلەن بېزەلگەن بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ كىيىملىرى ئاستا-ئاستا يىرتىلىپ يالىڭاچلانغان بىر جۇمھۇرىيەتكە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ئېچىپ بەرگەن. مانا مۇشۇ يالىڭاچلانغان جۇمھۇرىيەت ئىچىدە يۈز بەرگەن 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى ئاپتور «ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى» دېگەن تېمىدا ئايرىم بايان قىلىپ، خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ خىتايدىكى نېگىزلىك مەسىلىلەردىن بىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئاپتور كىتابىنىڭ 5-بابىدا يەنى خىتايدىكى چوڭ مىللەتچىلىك ئۆزگىرەرمۇ؟ ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى دېگەن بابىدا مۇنداق توختالغان:
‏-7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچىدە ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان خىتاي مەتبۇئاتلىرى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى بۇ ۋەقەنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ۋە د ئۇ ق نىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمغا ۋە شۇنداقلا دىنىي،تېررورلۇق تەشكىلاتلارغا باغلاپ تەھلىل قىلسا، ۋەقەدە يارىلانغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ پاجىئەلىك كۆرۈنۈشلىرىنى كۆپلەپ كۆرسىتىش ۋە تەشۋىق قىلىشقا كىرىشتى. ۋەقەنى توپىلاڭ ۋە كوللېكتىپ بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ بېرىش دېگەندەك بەتناملار بىلەن ئەيىبلىدى. ۋەقە يۈز بەرگەندە خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، ئىتالىيىدىكى تەرەققىي قىلغان 8 دۆلەت يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان مېھمان سۈپىتىدە قاتنىشىۋاتاتتى. ئويلىمىغان يەردىن يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنى پەرىشان قىلىپ قويدى. ئۇ مەركەزدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئىشنى ئۇلغايتىپ قويۇشىدىن ۋە شۇنداقلا بۇ ئىشنىڭ تەسىر دائىرىسى كېڭىيىپ كەتسە 2010-يىلىدىكى خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي خەلقئارا كۆرگەزمە يەرمەنكىسىگە تەسىر يىتىشىنى ئويلاپ دەرھال 7-ئاينىڭ 8-كۈنى يىغىن مەيدانىدىن ئايرىلىپ بېيجىنغا يېتىپ كەلدى ۋە دەرھال يىغىن ئېچىپ بۇ ۋەقە توغرىسىدىكى تەشۋىقاتنى ئۆزگەرتتى. يەنى تېلېۋىزوردا كۆپلەپ يارىلانغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلار يارىلانغاندا ۋە ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئۇلارغا يار-يۆلەك ۋە ياردەمدە بولغان كىشىلەرنى بىرلىكتە تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. خۇ جىنتاۋنىڭ مەقسىتى بۇ ئارقىلىق مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەش يەنى خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ ئويغىنىپ كېتىشىنى توسۇشتىن ئىبارەت ئىدى. ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتقاندەك، بۇ قېتىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشى دىنىي، تېررورلۇق ۋە ياكى توپىلاڭچىلىق ھەرىكىتى بولماستىن، بەلكى خىتاينىڭ شاۋگۇەن شەھىرىدىكى ئويۇنچۇق زاۋۇتىغا ئىشلەمچىلىككە مەجبۇرىي ئەۋەتىلگەن ۋە 5-ئاينىڭ 26-كۈنى شاۋگۇەندىكى خىتايلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىككى نەپەر قېرىندىشىنىڭ ۋە يارىدار قىلىنغان قېرىنداشلىرىنىڭ مەسىلىسىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىشىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئادالەتكە، باراۋەرلىككە موھتاجلىقىنى، يەرلىك ھۆكۈمەتكە بىلدۈرۈش ۋە شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل «شەرقىي تۈركىستان» دۆلىتىنى قۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان ياشلارنىڭ تىنچ ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدىن ئىبارەتتۇر،‏-دەيدۇ ئاپتور.

ئاپتور يەنە، خىتاي مەتبۇئاتلىرى قوللىنىۋاتقان ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «جىھاد» ئاتالغۇسىنى ئۇيغۇرلارغا قوللانغانلىقى مۇۋاپىق ئەمەس. چۈنكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت دىنىي زىددىيەت ئەمەس، بەلكى مۇستەملىكىچى بىلەن مۇستەملىكە قىلىنغۇچىدىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتۇر. مۇنداق قىلىپ ئېيتقاندا، باش ئەگدۈرۈش ۋە باش ئەگمەسلىك مەسىلىسىدۇر. ئوتتۇرا شەرقتىكى پەلەستىن مەسىلىسى دەل دىنىي داھىيلارنىڭ رەھبەرلىكىدە ۋە دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتتۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئۇلاردىن كۆپ پەرقلىق يەنى ئۇيغۇر رەھبەرلىرى دىنىي داھىيلار ئەمەستۇر،‏-دەپ تەكىتلەپ ئۆتىدۇ. ئاپتور ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى بىردىن-بىر مەسىلە ئۇيغۇرلاردىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، يەر ئاستى مول نېفىت، گاز بايلىقلىرىغا ئىگە بولغان بۇ تۇپراقتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ يۇقىرىقىدىكى بىردىن-بىر سەۋەب خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپلەپ كۆچۈپ كېلىشى ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا خىتاي مىللىتىنىڭ ھەممىنى مونوپول قىلىشىدىن ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى 1977-يىلىدىن باشلاپ تۈركۈم-تۈركۈملەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى نوپۇس ئارقىلىق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى تېزلەتكەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ كۈچلۈك دىنىي ئېتىقادى ۋە كىملىكىنى ساقلاپ قىلىشقا تىرىشقان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمدىلىكتە يېڭىچە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى قوللانغان. ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلەرگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكەش ئارقىلىق ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنىڭ يولىنى تاپقان. ئەمما بۇ خاتا سىياسەتنىڭ نەتىجىدە گۇاڭدۇڭدىكى شاۋگۇەن ۋە ئۈرۈمچى ۋەقەسى كېلىپ چىققان، دەيدۇ ئاپتور. ئاپتور خىتاي سىياسىتىدىكى «غەربنى ئېچىش ۋە گۈللەندۈرۈش، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ،راۋاجلاندۇرۇش» دېگەنلىك پەقەتلا خىتاي مىللىتىگە قارىتىلغانلىقتۇر دەيدۇ. ئاپتور خىتاي ھۆكۈمىتىگە سىگنال قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: يالىڭاچلانغان بۇ جۇمھۇرىيەت تېزدىن مىللەتلەر مەسىلىسىنى توغرا ۋە ئادىل بىر تەرەپ قىلمىسا، كەلگۈسىدە ئۆزىگە چوڭ ئىش تېرىۋالىدۇ. ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىسىدا بۇ قېتىمقى 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە جەمئىيەتتىكى ھەرساھەلەردىن بولۇپ جەمئىي 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى ۋە شۇ كۈننىڭ ئۆزىدىلا نەق مەيداندا ئىككى مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.