مۇسۇلمانلار يېڭى يىلنى قانداق كۈتۈۋالىدۇ؟

كىشىلەر ھەر يىلى يېڭى يىلنى قۇتلاش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ خۇشاللىقىنى ئىزھار قىلىشىدۇ. يېڭى يىلنى قۇتلاش دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. جۈملىدىن مۇسۇلمانلارمۇ ئۆزلىرىگە خاس ئۆزگىچىلىك بىلەن يېڭى يىلنى كۈتۈۋالىدۇ.

0:00 / 0:00

يېڭى يىل بايرىمى ۋە ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى

ئىسلام مۇتەپەككۇرى مۇھەممەد غازالى مىلادىيە يېڭى يىل بايرىمى ۋە ئۇنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازغان:
«يىل بېشى بايرىمى ئىسا ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغان يىلنى قۇتلاش ئۈچۈن غەرب دۇنياسىدا مەيدانغا كەلگەن بىر بايرام بولۇپ، ئۇنىڭ پائالىيىتى بىر-بىرىگە سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىش، يېشىل كۆچەت تىكلەش، ئائىلە بويىچە خۇشاللىق تەنتەنىسى قىلىش بىلەن بولىدۇ. بۇ بايرام كرېسماس دەپ ئاتىلىدۇ. (چۈنكى Xmas) سۆزى گرېكچىدىكى خرىستوس(Xpіотоς) سۆزىنىڭ قىسقارتىلمىسىدۇر. ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس، ئەمما خرىستىئانلارنىڭ ياۋروپادىكى پرۇستانت مەزھىپى بىلەن كاتۇلىك مەزھىپى 25-دېكابىرنى قارارلاشتۇرغان بولسا، شەرقتىكى ئورتۇدوكس مەزھىپى يانىۋارنىڭ 7-كۈنىنى قارارلاشتۇرغان. مىلادىيىنىڭ 220-يىلىغا كەلگۈچىلىك خرىستىئانلاردا بۇ ئادەت يوق ئىدى. شۇ يىلى خرىستىئان ئالىملىرى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى مىلادىيىنىڭ 29-يىلى 25-مارت كۈنى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن دەپ قارارلاشتۇرغان، كېيىنكى خرىستىئان ئالىملىرى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى مىلادىيە 33-يىلى 3-ئاپرېل كۈنى دارغا ئېسىلغان دەپ قارارلاشتۇرغان. تارىختا تۇنجى قېتىم 14-ئەسىردە كونستانتىن ئىمپېراتورىنىڭ زامانىدا، كونىستانتىن 25-دېكابىرنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش بايرىمى دەپ بېكىتكەن.»

مۇسۇلمانلار يېڭى يىلنى قانداق كۈتۈۋېلىشى كېرەك؟

ئىسلام دۇنياسىدا بىردەك تونۇلغان ئالىم دوكتور يۈسۈپ قەرداۋى مۇسۇلمانلارنىڭ يېڭى يىلنى قانداق كۈتۈۋېلىشى توغرىلىق «ھازىرقى زامان پەتىۋالىرى» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازغان:
«باشقىلار يېڭى يىلنىڭ كەلگەنلىكىنى تەنتەنە قىلىپ، خۇشاللىقتىن بايرام قىلسا، مۇسۇلمانلار ئاۋۋال ئۇلارغا بۇ ھاياتنى بەرگۈچىگە مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەپ شۈكرى-تەشەككۇر ئېيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزلىرىنىڭ بىر يىللىق ئۆمرى قىسقارغانلىقىنى ۋە ئۆتكەن ئۆمرى ئىچىدە دۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتىدۇ، ياخشى قىلغان ئىشلىرىدىن سۆيۈنىدۇ، يامان قىلغان ئىشلىرىدىن غەمكىن بولۇپ، مۇندىن كېيىنكى ئۆمرىدە نۇقسانلىرىنى تولۇقلاشقا ۋە ئۆزى ئۈچۈن ھەم جىمى ئىنسانىيەت ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشقا بەل باغلايدۇ. زادى شۇنداق ئەمەسمۇ؟! ئىنسان ئۆمرىدىن بىر يىل قىسقارغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئارتۇق خۇشال بولۇش ئەمەس، بەلكى غەمكىن بولۇشى كېرەك ۋە ئۆز-ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ بېقىشى كېرەك. دۇنيادا ھەربىر نەرسىنىڭ ھېسابى ۋاقتىدا قىلىنىپ تۇرىدۇ. ئەمما بىر نەرسىلا سۇدەك ئېقىپ كېتىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئۆمۈردۇر. توغرا، ئىنسان ئۆمرى ئەنە شۇنداق ئۆتۈپ ئاخىرى تۈگەيدۇ. شۇڭا ھەركىم ئۆز-ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرۇشى تولىمۇ ياخشى ئادەتتۇر. بولۇپمۇ، يېڭى يىلنىڭ كىرىشى، تۇغۇلغان كۈنگە ئوخشىغان مۇناسىۋەتلەر ئىنساننىڭ ئۆزىنى بىر قۇر تەكشۈرۈپ كۆرۈشى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇرسەتلەردۇر.»