1 - ماي كۈنى بىر قىسىم ئەللەردە نامايىش يۈز بەردى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-05-02
Share


1 - ماي كۈنى ئاسىيادىكى بىر قىسىم ئەللەردە كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار يۈز بەردى.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1 - ماي كۈنى خوڭكوڭدا ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئادەم نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خوڭكوڭ مەمۇرىي ھۆكۈمىتىدىن مەخسۇس قانۇن چىقىرىپ، خىزمەت سائەت ۋاقتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشنى، تاشقىرىدىن كىرىدىغان ئەمگەك كۈچلىرى نى توسۇش ۋە ئىشچىلارنىڭ پېنسىيەسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە خوڭكوڭدىكى نامايىشقا ئاساسلىقى قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قاتناشقان.

شۇ كۈنى يەنە تەيۋەندىمۇ نامايىش يۈز بەرگەن بولۇپ، نامايىشچىلار تەيبېيدىكى دېموكراتىيە ئىلغارلىق پارتىيەسى بىناسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن. نامايىشچىلار، سەي يىڭۋېنىڭ تېخى پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى قولغا ئېلىپ ئىشقا كىرىشمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ سىياسىتىنىڭ ئەمگەكچىئەرنىڭ مەنپەئەتلىرىگە زىيانلىق بولۇشى ئېھتىماللىقى بارلىقى، شۇڭا ئەمگەكچىلەر ھوقۇقىنى قوغداشقا ئائىت ۋەدىلىرىگە تۇرۇشقا چاقىرغان.

بۇ تەلەپلەردە ئىش ۋاقتىنى قىسقارتىش، مائاشنى ئۆستۈرۈش ۋە باشقىلار بار ئىكەن.

يەكشەنبە كۈنى يەنە رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا كوممۇنىستىك پارتىيە باشچىلىقىدا بىرىنچى ماي خەلقئارا ئەمگكەچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.

رۇسىيەنىڭ news.ru تورىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىشىچە، 3000 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان نامايىشنى نازارەت قىلىشقا 750 دىن ئارتۇق ساقچى ئاجرىتىلغان. ئەمما، خەۋەردە دېيىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى رۇسلارنىڭ پاسخا بايرىمىغا توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن بايرام تەبرىكلەپ زور ساندىكى ئادەملەر كوچىغان چىقان بولۇپ، ئادەم سانى 100مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن، بۇلارنىڭ 60% تىن كۆپرەكى پاسخا بايرىمىنى تەبرىكلىگۈچىلەر، قالغانلىرى سەيلىچىلەر ۋە باشقىلار ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت