خىتاينىڭ يەنە 10 شىركىتى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ قارا تىزىملىكىگە ئېلىنغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.02.02

خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي ئارمىيەسىگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقى ئۇزۇندىن بېرى ئامېرىكانىڭ ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت مۇداپىئە ئورگانلىرى كۈچلۈك دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلىلەردىن بىرى بولۇپ كەلمەكتە.

 «رۇيتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ 1-فېۋرال كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تىزىملىكىگە يەنە خىتاي ئارمىيەسىگە ياردەم بېرىۋاتقان ئون نەچچە خىتاي شىركىتى قېتىلغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىچكى ساقلىغۇچ ئۆزەك (چىپ) ياساش شىركىتى YMTC، سۈنئىي ئەقىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شىركىتى Megvii، لازېر نۇرلۇق رادار ياساش شىركىتى Hesai Technology ۋە پەن-تېخنىكا شىركىتى Netposa قاتارلىقلار بار ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ يېڭى تىزىملىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي شىركەتلىرىنى، بولۇپمۇ خىتاي ئارمىيەسىنى كۈچەيتىۋاتقان يۇقىرى تېخنىكا شىركەتلىرىنى چەكلەش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، «بۇ ئامېرىكانىڭ بازار رىقابىتى ۋە خەلقئارا ئادىل سودىغا ئەمەل قىلىش ۋەدىسىگە خىلاپ» دەپ ئەيىبلىگەن.

ھىندىستان «تۇنجى پوچتا» (First Post) گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكانىڭ 2021-يىل ئېلان قىلغان «دۆلەت مۇداپىئەسى ھوقۇقى قانۇنى» دا خىتاي ئارمىيەسىگە ياردەم بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ قارا تىزىملىككە ئېلىنىدىغانلىقى، بۇنداق شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسى بىلەن توختاملىشىش سالاھىيىتىنىڭ بولمايدىغانلىقى ۋە تىجارىتىنىڭ روناق تاپالمايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.