ب د ت دىكى 22 دۆلەت خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز سادا
2019-07-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى قارمىقىدىكى 22 ئەزا دۆلەت 10-ئىيۇل بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە زىيانكەشلىك قىلمىشلىرىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 10-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ 22 دۆلەت ئاۋسترالىيە، ئاۋسترىيە، بېلگىيە، كانادا، دانىيە، ئېستونىيە، فىنلاندىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىسلاندىيە، ئىرېلاندىيە، ياپونىيە، لاتۋىيە، لىتۋا، لىيۇكسېمبۇرگ، گوللاندىيە، يېڭى زېلاندىيە، نورۋېگىيە، ئىسپانىيە، شىۋېتسىيە، شىۋېيىتسارىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ھالبۇكى بۇنىڭدا بىرمۇ ئىسلام دۆلىتى يوق ئىكەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 22 دۆلەتنىڭ بىردەك بايانات ئېلان قىلىشى ب د ت دا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەھۋال ئىكەن. باياناتتا بۇ 22 دۆلەت خىتاي ھۆكۈمىتىگە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل بەشلېت ۋە ب د ت دىكى باشقا مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى چەكلىمىسىز زىيارەت قىلىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەكلىكى ھەققىدىمۇ چاقىرىق قىلغان.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق دىرېكتورى جون فىشىر مەزكۇر بايانات ھەققىدە سۆز قىلىپ: «22 دۆلەت ئېلان قىلغان بۇ بىرلەشمە بايانات پەقەت شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا مۇھىم بولۇپ قالماستىن، بەلكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ب د ت نىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇق ئورگانلىرىغا تايىنىپ دۆلەت باشقۇرۇۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈنمۇ بەك مۇھىمدۇر» دېگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئېغىر باستۇرۇشىغا قارىتا 2016-يىلى مارتتىمۇ بىر بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى 12 دۆلەت ئىمزا قويغان ئىكەن. بۇ قېتىملىق باياناتقا ئىمزا قويغان دۆلەتنىڭ سانى ئىلگىرىكىدىن ئىككى ھەسسىلەنگەن.

مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە ئانالىز يۈرگۈزۈپ، غەرب ئەللىرىنىڭ يەنىلا ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئاۋانگارت ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، ئىسلام ئەللىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا ھازىرغىچە ئاۋاز چىقارمىغانلىقىنى ئەيىبلەشمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت