ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەتكە كەلگەنلەر 30 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.04.30

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن بۇ يىلنىڭ 1-پەسلىدە ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەتكە كەلگەن خىتايلارنىڭ سانى 30 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكەن. بۇ، سىياسىي خاراكتېرلىك «قىزىل ساياھەت» بولۇپ، مەخسۇس تەسىس قىلىنغان «قىزى ساياھەت نۇقتىلىرى» ئارقىلىق ئۇلارغا «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى» ئېلىپ بېرىلغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھۆكۈمەت ساياھەتچىلەرنى قوشۇمچە ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلەيدىغان بۇ تەشكىللىك ساياھەت تۈرى سىياسىي غەرەزلىك بولۇپ، ئۇنىڭ مەقسىتى خىتاي ساياھەتچىلىرىدە «شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ نورمال»، «شىنجاڭ ئەزەلدىن تارتىپ خىتاي زېمىنى» دېگەن ئاڭنى شەكىللەندۈرۈش ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىلنىڭ 1-پەسلىدە ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 14.56 پىرسەنت ئاشقان. خىتاي تاراتقۇلىرىدا ساياھەت كىرىمىنىڭ 22 مىليارد 768 مىليون يۈەندىن ئاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېتىلىشىچە، رايوندىكى 100 دىن ئارتۇق ئاتالمىش «قىزىل مەنزىرىلىك ساياھەت رايونى» ساياھەتچىلەرنىڭ نۇقتىلىق ساياھەت مەنزىلگاھلىرى ئىكەن.

لېكىن، ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئىلىغا قاراتقان بۇ تەشكىللىك سىياسىي ساياھەت ھەرىكىتى ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت، تارىخ جەھەتلەردىكى كۆپ قىرلىق مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشان قىلغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن. ئانالىزچىلار، بۇ ھەرىكەتنىڭ ھەم ئىقتىسادى كىرىمنى، ھەم خىتاي پۇقرالىرىغا «شىنجاڭ ۋەزىيىتى نورمال»، «بۇ يەردە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يوق»،» ئۇيغۇرلار بەختىيار ياشاۋاتىدۇ» دېگەن سىگناللارنى بېرىشنى ھەم ئۇلارنىڭ «شىنجاڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى» گە بولغان چۈشەنچىسىنى بۇرمىلاشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.