ئامېرىكا خەلقى 4-ئىيۇل مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-07-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۈگۈن، يەنى 4-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكانىڭ مۇستەقىللىق بايرىمى. مىليونلىغان ئامېرىكىلىقلار بۈگۈنكى بايرام دەم ئېلىشىدا پارات، دالا سەيلىسى ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، دۆلەت مۇستەقىللىقىنىڭ 243-يىلىنى تەبرىكلەشمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، ھەر يىلى مۇستەقىللىق كۈنىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پاراتتا بۇ يىل تۇنجى قېتىم كىچىك كۆلەملىك ھەربىي پارات ئورۇن ئالىدىكەن.

ئامېرىكادىكى پاراتلاردا ئادەتتە دۆلەتنىڭ ھەربىي قۇۋۋىتىنى نامايان قىلىدىغان قورال-ياراغلار ۋە ھەربىي ھازىرلىقلار ئاۋامغا كۆرسىتىلمەيدىغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ قارارى بىلەن بۇ ئەنئەنىگە ئۆزگىرىش كىرگۈزۈلگەن. بۇ نۆۋەتلىك پاراتتا بىر قانچە تانكا ۋە قوراللىق ئەسلىھەلەر ۋە شۇنداقلا بىر قانچە كۈرەشچى ئايروپىلانلار پاراتتىن ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

بۇندىن باشقا يەنە پرېزىدېنت ترامپ بۈگۈن كەچقۇرۇن «ئامېرىكاغا ئېھتىرام» تېمىسىدا مەخسۇس نۇتۇق سۆزلەيدىكەن. بۇمۇ بۇ نۆۋەتلىك بايرامدىكى بىر يېڭىلىق بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى 1776-يىلى مۇستەقىللىق جاكارلىغان، ئەڭ دەسلەپ ئەنگلىيە مۇستەملىكىسىدىكى 13 شىتات تۇنجى قېتىم مۇستەقىللىق جاكارلاپ، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ مۇستەقىللىق تارىخىغا يول ئاچقان ئىدى.

تولۇق بەت