ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى 31-ماي كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ 1989-يىلى 4-ئىيۇن كۈنى يۈز بەرگەن «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» دە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئۆز ھېسداشلىقىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مەزكۇر ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاشنى ۋە بۇ ۋەقەگە مەسئۇل بولغان ھۆكۈمەت خادىملىرىغا تېگىشلىك جازا بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

مەزكۇر باياناتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» دىن ساۋاق ئېلىش ئورنىغا يېڭىدىن بىر يۈرۈش قانۇن-نىزاملارنى، جۈملىدىن «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»، «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى» قاتارلىقلارنى ئېلان قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغۇپ كېلىۋاتقانلىقى تەنقىدلەندى.

ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى ئالىم سېيىتوف 1989-يىلى 4-ئىيۇن كۈنى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئوقىدا ئۆلگەن شەخسلەرنى ئۇنتۇماسلىقنى تەكىتلەپ، «شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى ئوخشاش شەكىلدە دىكتاتورا قانۇنى ئارقىلىق ئەڭ ئەقەللىي ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى خىتاي خەلقىگە خىزمەت قىلىش ئەمەس، ئەكسىچە كومپارتىيەنى، ئۆزىنى ۋە ئۆز ھەقەمسايىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىش» دەپ كۆرسەتتى.

1989-يىلىدىكى «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» دە ئۆركەش دۆلەت بېيجىڭدىكى دېموكراتچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ ئىشلىگەن ھەمدە شۇ ۋاقىتتىكى خىتاي باش مىنىستىرى لى پېڭ بىلەن بولغان يۈزمۇ-يۈز سۆھبەتتە ئۆزىنىڭ جاسارىتى ۋە قورقۇمسىزلىقى سەۋەبلىك خىتاي خەلقى ئارىسىدا يۈكسەك ھۆرمەت قازانغان ئىدى.