خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينى تيەنئەنمېن 4-ئىيۇن قەتلىئامىنى ئاشكارىلاشقا چاقىردى
2016.06.02
باش شتابى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى 2-ئىيۇن پەيشەنبە كۈنى تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى 1989-يىلدىكى 4-ئىيۇن قەتلىئامىنى ئاشكارىلاشقا چاقىردى.
باياناتتا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن «1989-يىلدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى توغرىلىق چۈشەنچە بېرىش، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ چوڭ قەتلىئام ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىنكار قىلماسلىق، ۋەقەدە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ھەقىقىي سانىنى ئاشكارىلاش» قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنغان.
باياناتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل يەنى 4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 27 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەزگىلىدە، ئەينى يىللىرىدىكى ۋەقەدە ئوغلى ئۆلتۈرۈلگەن پروفېسسور دىڭ زىلىن خانىم ۋە مەزكۇر ۋەقەنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى نەزەربەند قىلغانلىقى ئەيىبلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوخشىمىغان پىكىر ئېمقىمىدىكىلەرنىڭ سۆزلىشىگە رۇخسەت قىلىشى تەلەپ قىلىنغان.









