ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» نى ئېنىقلاشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.06.03

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى 1989‏-يىلدىكى «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» نىڭ 27 يىللىق خاتىرە كۈنى ھارپىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ قانلىق ۋەقەگە قويۇلغان ھەر خىل چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىشقا، ئۇنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشقا چاقىردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 1989‏-يىلى 4-ئاپرېل بېيجىڭدا پارتلىغان زور كۆلەملىك ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنى 4-ئىيۇن قانلىق باستۇرغان. ۋەقەدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن، قولغا ئېلىنغان، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ياكى نەزەربەند قىلىنغان ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېر 3‏-ئىيۇن ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆلگەن، تۇتقۇن قىلىنغان ياكى ئىز ‏- دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەرنى تولۇق ئاشكارىلاشقا، 1989‏-يىلى 4‏-ئىيۇندا يۈز بەرگەن ئۇ ۋەقەنى مۇنازىرە قىلىشقا قويۇلغان چەكلىمىنى بىكار قىلىشقا چاقىرىدۇ» دېدى.

مارك تونېر يەنە، ھەر يىلى بۇ ۋەقەنى تىنچ خاتىرىلەشكە ئۇرۇنغان كىشىلەرگە پاراكەندىچىلىك سېلىشقا ياكى ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىشقا خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىزدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىگە قارىتا، خۇسۇسەن ئۆتكەن يىلقى يۈزلىگەن پائالىيەتچى، ئادۋوكات، مۇخبىر، جامائەت رەھبەرلىرىنى تۇتقۇن قىلىشقا، ئاخبارات، ئىپادە، يىغىلىش، دىنىي ئىبادەتلەرگە چەكلىمە قويۇشقا جىددىي ئەندىشە بار.»

بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى ئامېرىكىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ، خىتاينىڭ ئاللىبۇرۇن «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» ۋە باشقا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە خۇلاسە چىقىرىپ بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.