ۋاشىنگتون ۋە سان فىرانسىسكودىكى ئۇيغۇر جامائىتى ھېيت نامىزىدىن كېيىن 5-ئىيۇلنى خاتىرىلەپ نامايىش قىلدى

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ۋە ۋىرىگىنىيە شتاتى ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى 5-ئىيۇل كۈنى ئەتىگەن سائەت 7 دە ۋىرىگىنىيە شتاتى فايىرفاكس شەھىرىدىكى تۈرك مەسچىتىدە روزا ھېيت نامىزىنى ئوقۇدى.

روزا ھېيت نامىزىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە نامازغا ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىدىن تەخمىنەن 150 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. نامازغا قاتناشقان جامائەت ئىمامنىڭ يېتەكچىلىكىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاسارىتىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئازادلىق، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى يولىدا قۇربان بولغانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا-تىلاۋەت قىلغان، ھېلىھەم خىتاي تۈرمىلىرىدە ئازاب چېكىۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا سەۋرى-تاقەت تىلىگەن.

روزا ھېيت كۈنى يەنە ۋاشىنگتون ۋە ۋىرىگىنىيە شتاتىدىكى ئۇيغۇرلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا، ھېيت كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە 2009-يىلدىكى«5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش» نامايىشى ئۆتكۈزدى.

شۇ كۈنى سان فىرانسىسكو شەھىرى ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلامۇ خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىلقى روزا ھېيت «5-ئىيۇل ۋەقەسى» كۈنىگە توغرا كەلگىنى ئۈچۈن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن ئۆز دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا 4-5-ئىيۇل كۈنلىرى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 7 يىللىقىنى خاتىرىلەپ چەتئەللەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەن.