CGTN قانىلى خىتاينىڭ «تېررورلۇق» قا قارشى كۆرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
CGTN قانىلى 7-يانۋار كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى ئاقلاپ، ئۇنى «تېررورلۇققا قارشى كۆرەش» دەپ كۆرسەتتى.
-
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-01-08 -
-
-
خىتاينىڭ چەتئەللەرگە قاراتقان تەشۋىقات ۋاسىتىسى بولغان CGTN قانىلى خىتاينىڭ «تېررورلۇق» قا قارشى كۆرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. «خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە تورى»، يەنى CGTN قانىلى 7-يانۋار كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى ئاقلاپ، ئۇنى «تېررورلۇققا قارشى كۆرەش» دەپ كۆرسەتتى. ئۇلار ماقالىسىدە، «خىتايدا 1990-2016-يىللىرى ئارىىسدا نۇرغۇن قېتىم ‹تېررورلۇق ھۇجۇملىرى› يۈز بېرىپ، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ جېنىغا ۋە مېلىغا زامىن بولغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا بۇ ھۇجۇملارنى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ خەلقئاراغا ئاشكارىلىمىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇلار 2001-يىلى 11-سىنتەبىر ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئامېرىكا، كانادا، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا تۈرلۈك قانۇن-تەدبىرلەرنى بەلگىلەپ «تېررورلۇق» قا قارشى تۇرغانلىقىنى، خىتاي ئېلىۋاتقان تەدبىرلەرنىڭمۇ خۇددى مۇشۇ دۆلەتلەرگە ئوخشاشلا تېررورلۇققا قارشى كۆرەش قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ھالبۇكى، نۇرغۇن خەلقئارالىق مۇستەقىل ئورگانلار ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى ئىشەنچلىك دوكلاتلار ئاساسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى، مىللىي ۋە دىنى پائالىيەتلەرنى چەكلەۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنى ئاساسىي نىشان قىلغان زور كۆلەملىك نازارەت ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى يولغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۆتكەن يىل ئۆكتەبىردە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق 23 دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى 3-كومىتېت يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىرلەشمە بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خالىغانچە ۋە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتى ۋە باشقا زۇلۇم سىياسەتلىرىنى ئاياقلاشتۇرۇشقا چاقىرغانىدى. بولۇپمۇ بۇ ھەقتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانى ئىنتايىن كەسكىن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئوخشىمىغان سورۇنلاردا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ «تېررورلۇق» بىلەن قىلچىلىكمۇ ئالاقىسى يوق،» دەپ ئېنىق تەكىتلىگەن.
CGTN قانىلى خەۋىرىدە، «ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى خىتاينىڭ تېرررولۇققا قارشى كۆرەش قىلىش، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىگە ئىككى خىل ئۆلچەم قويۇپ، ئۇنىڭغا يامان نىيەت بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى قارىلىدى» دېيىلگەن. مەزكۇر قانال خىتاينىڭ مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چەتئەللەرگە قاراتقان تەشۋىقات بۆلۈمى بولۇپ، ئۇ يېقىندىن بۇيان توختىماي ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنى ئاقلايدىغان ۋىدىيو ۋە خەۋەرلەرنىمۇ كۆپلەپ تارقاتماقتا.