ئاۋسترالىيەنىڭ ۋىكتورىيە شىتاتىدىكى يىگانە ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ پەرزەنتى ئابدۇللا يېقىندا «ئاۋسترالىيە رادىيو شىركىتى» (ABC) تورىدا ئۆز نامىدىن يېزىلغان ئوچۇق خەتنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى بىر ئۆسمۈردە ئەكس ئەتكەن مەنىۋى جاراھىتىنى كۆرسەتكەن.
ئوچۇق خەتتە ئېيتىلىشىچە، 2012-يىلى ئائىلىسى بويىچە مىلدۇرا (Mildura) شەھىرىگە كۆچۈپ كېلىپ ماكانلاشقان ئابدۇللا شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن دىدارلىشىپ باقمىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ھېس تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەپ: «مەن شەرقىي تۈركىستاندا تۇغۇلغان. بىزنىڭ بايرىقىمىز ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق. ئەمما سىنىپىمدا شۇنچە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ بايرىقى ئېسىلغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ بايرىقىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم» دېگەن.
ئۇ ئۆز خېتىدە ئاۋسترالىيەدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ «ئۇيغۇر» ياكى «شەرقىي تۈركىستان» دېگەندەك ئاتالغۇلارنى ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى، شۇنچە گۈزەل بولغان ماددىي ۋە مەنىۋىي مەدەنىيەتكە ئىگە ئۇيغۇرلارنىڭ بىلىنمىگەن بىر خەلق بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بىر قوۋم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. شۇنداقلا ئۇيغۇرلاردىكى يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى، سەنئەت قاتارلىق مەزمۇنلارنىڭ گۈزەللىكىنى تەكىتلەپ: «ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى مېنى ئۆز ئەنئەنىمىزگە تۇتاشتۇرغان كۆۋرۈك بولدى» دېگەن.
ئۇنىڭ ئۆز خەلقىگە، ئۆز مەدەنىيىتىگە ۋە ئۆز ۋەتىنىگە بولغان سۆيگۈسى بۇ قېتىملىق ئوچۇق خەتتە تولۇق ئەكس ئەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆز خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە ھۆرلۈك تىلىشى بىلەن ئاخىرلاشقان.