ئۇيغۇر دىنى زات، جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندى قويۇۋېتىلدى

بىر ئايدىن بېرى تۈركىيە ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر دىنى زات، پائالىيەتچى ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندى پەيشەنبە كۈنى ئېچىلغان سوتتا ئاقلىنىپ قويۇۋېتىلگەن.

ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندى 31-ئاۋغۇست كۈنى ئىستانبۇلدا نامەلۇم سەۋەب بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى. ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ۋاقتىنىڭ دەل خىتايدا «گ-20» دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلماقچى بولۇۋاتقان مەزگىلگە توغرا كېلىشى ھەم ئۇنىڭ تۇتقۇندىكى مۇددىتىنىڭ ئۇزۇراپ كېتىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى ئەندىشىگە سالغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئۆزى بىۋاسىتە بايانات بېرىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئابدۇلقادىر ياپچانغا ئادىل مۇئامىلە قىلىشقا چاقىرغان.

ئىستانبۇلدىكى مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىدىن ئېلىنغان ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندى 29-سېنتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىستانبۇلنىڭ باكىركۆي رايونىدىكى سوت مەھكىمىسىگە چىقىرىلغان. 2 سائەت ئەتراپىدا داۋام قىلغان سوتتا ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى «تېررورلۇق گۇماندارى» دەپ شىكايەت قىلىشىغا ئاساسەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان. ئەمما تۈركىيە سوت دائىرىلىرى ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندىنىڭ «تېررورچى» لىقى ھەققىدە خىتاي تەرەپ تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى، ئىسپاتلارنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنى گۇناھسىز دەپ ئېلان قىلغان ۋە شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە قويۇۋەتكەن.

ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندىنىڭ ساق-سالامەت قويۇۋېتىلىشى سوت ئالدىدا كۈتۈپ تۇرغان ئۇيغۇر جامائىتىنى خۇشاللىققا چۆمدۈرگەن. ئۇلار ئابدۇقادىر ياپچان بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ ئۇنى تەبرىكلەشكەن. ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك، تۈركىيە مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندىلەر ئۆزلىرى بىۋاسىتە ئۇنى كۈتۈۋېلىشقا بارغان.