تۈركىيەدە ياشاۋاتقان دىنىي ئۆلىما ۋە جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچاننىڭ 29-سېنتەبىر كۈنى نەزەربەنتتىن قويۇپ بېرىلىپ، ئارىدىن بىر سوتكا ئۆتمەيلا يەنە تۇتۇلۇپ كېتىشى كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلماقتا.
تۈركىيەدە چىقىدىغان «يېڭى شەپەق» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئابدۇلقادىر ياپچان قايتا تۇتۇلغاندىن كېيىن ئىستانبۇلدىكى باكىركۆي سۈلھى جازا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 40 كۈنلۈك نازارەتكە ئېلىنغانلىقى مەلۇم.
ئابدۇلقادىر ياپچان بۇ يىل خىتايدا ئېچىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىش يىغىنى ھارپىسىدا تۈركىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن 1-سېنتەبىردە تۇتۇپ كېتىلىپ 29-سېنتەبىر كۈنى گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.
نۆۋەتتە باكىركۆي سوت مەھكىمىسى ئابدۇلقادىر ياپچاننى 40 كۈنلۈك نازارەتكە ئېلىش ھۆكۈمىنى چىقارغان بولۇپ، بۇ جەرياندا تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەدلىيە تارماقلىرى خىتاي تەرەپنىڭ ئابدۇلقادىر ياپچانغا ئالاقىدار «پاكىت» ۋە «ھۆججەت» لەرنى تۈركىيە تەرەپكە تاپشۇرۇشىنى كۈتىدىكەن.
ئابدۇلقادىر ياپچان بۇ يىل 58 ياشتا بولۇپ، ئۇ 2001-يىلىدىن بۇيان تۈركىيەدە ياشاپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتۈش ئىلتىماسى ھازىرغا قەدەر تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېسىپ قويۇلغان.
خىتاي دائىرىلىرى 2002-يىلى ئابدۇلقادىر ياپچاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرقانچە ئۇيغۇرنى «تېررورچى» تىزىمىغا كىرگۈزۈپ قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلغان ئىدى. ئارىدىن 14 يىل ئۆتكەندىن كېيىن خىتاي تەرەپ بۇ ھۆججەتكە تۈزىتىش كىرگۈزگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئابدۇلقادىر ياپچاننى «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى ئەيىبلىگەنلىكى مەلۇم. ھالبۇكى، كۆزەتكۈچىلەر ئابدۇلقادىر ياپچاننىڭ سۆز ۋە نۇتۇقلىرىدا ياشلارنى تېررورلۇق پائالىيەتلىرىدىن يىراق تۇرۇشقا ئۈندەش بىلەن تونۇلغان بىر شەخس ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.