ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ تۈرمىدە ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولغانلىقى مەلۇم

ئۆتكەن 4 ئايدىن بۇيان خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ قولىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولغانلىقى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۇنى يوقلاش يولىدىلا ئىزتىراپ چېكىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئىگىلىشىمىزچە، ئابدۇۋەلى ئايۇپ بۇ يىل ئاۋغۇستتا قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، بىۋاسىتە تۈرمىگە تاشلانغان، شۇندىن كېيىن ئۇنىڭ دېرىكىنى ئېلىش مۇمكىن بولمىغان، ھەتتا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمىگەن.

ئابدۇۋەلى قامالغان تۈرمىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بىرەيلەننىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە ئابدۇۋەلىنىڭ تۈرمىدە تېنى ئاجىزلاپ قاتتىق ئاغرىپ قالغان.

دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭ كېسىلىنى داۋالاتقان ياكى داۋالاتمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

ئەمما مەزكۇر ئەھۋالدىن خەۋەردار يۇقىرىقى كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇۋەلىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇنىڭغا دورا-دەرمەك، پۇل-پۇچەكلەرنى يەتكۈزۈشكە كۆپ قېتىم تىرىشقان بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئامېرىكىدىكى ئوقۇشىنى تۈگىتىپ خىتايغا قايتقاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قەدىرلەشنى تەشەببۇس قىلىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان.

ئۇ، بۇ يىل ئاۋغۇستتا «ساختا مەبلەغ سېلىش» ۋە «قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش» جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان.

ئۇنىڭ يۇقىرىقى جىنايەتلەر بىلەن كېلەر يىلى 1‏-ئايدا سوتقا تارتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.